ھەققانىيەتكە نىسبەتەن ئىچىرقاپ كەتكەن تۇيغۇدا بولۇڭ

قانداق قىلغاندا ئاكتىپ تەپەككۇر قىلىدىغان كىشىگە ئايلانغىلى بولىدۇ؟ ھەم بۇنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ؟ بىز دەل يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكەندەك، بۇ يەردىكى ئالدىنقى شەرت كۈچلۈك ئارزۇغا ئىگە بولۇش. بىراق مۇشۇنىڭ ئۆزىلا كۇپايە قىلمايدۇ. ئاكتىپ تەپەككۇر قىلىدىغان كىشىلەردىن بولۇش ئۈچۈن، بولسىمۇ بولىدىغان، بولمىسىمۇ بولىدىغان ئارزۇئىستەكلەرنى ھازىرلاش ناھايىتى قىيىن. شۇڭا ئۇنى چوقۇم بارلىق قىزغىنلىقىمىز بىلەن ئۈمىد قىلىشىمىز كېرەك، بولمىسا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولمايدۇ. ئەگەر داۋاملىق مۇشۇنداق روھىي ھالەتنى ساقلىيالىسىڭىز، سىز ئاكتىپ تەپەككۇر قىلغۇچىلاردا بولۇشقا تېگىشلىك ئاساسىي شەرتنى ھازىرلىغان بولىسىز. مەن بۇ يەردە يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ قوياي، بەزىلەر تۇغۇلۇپلا ئاكتىپ تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولىدۇ، ئۇلار تولىمۇ تەلەيلىك، چۇنكى ئۇلار ئۆسمۈرلۈك دەۋرىنى ھەرگىز پاسسىپ مۇھىت ئىچىدە ئۆتكۈزمىگەن. ئېھتىمال ئىرسى ئامىل ياكى ئائىلە تەسىرىدىن بولسا كېرەك، ئۇلار جەمئىيەتكە يامراپ كەتكەن پاسسىپ ئاڭنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچرىمىغان. بەزىلەر توغما ئاكتىپ تەپەككۇر ئىقتىدارىغا ئىگە كېلىدۇ، ئەمما ئۇلارنى پاسسىپ ئىدىيىدىكى كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئىنتايىن ئازلىق قىلىدۇ. بىراق، 1930-يىللىرى چوڭ كرىزىس كۆرۈلگەندىن بۇيان، بۇ خىل ئاكتىپ تەپەككۇرگە ئىگە ئىدىيە ۋە ھەرىكەت توغرىسىدىكى ئۇقۇمغا، كىشىلەر ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى. مۇشۇ سەۋەبلىك ئاكتىپ كىشىلىك پوزىتسىيىسىنى ھازىرلىغان كىشىلەرمۇ كۈندىن كۈنگە كۆپەيدى. بىر كۈنى كەچتە، مەن ئاتلانتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مال ساتقۇچىلار يېغىلىشىدىكى نوتۇقىمنى تۈگىتىپ تۇرۇشۇمغا، بىر ياش مەندىن: _ مەن بۇنىڭدىن كېيىن يەنىلا ئۆزۈمنىڭ ئاكتىپ تەپەككۇرىمنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى. بۇنىڭدىن ئۇنىڭ بۇ گەپنى ناھايىتى سەمىمىي پوزىتسىيىدە ئېيتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. مەن ئۇنىڭدىن: _ قانداق تەجرىبىلىرىڭىز بار، دەپ سورىدىم. ئۇ، ئۆزىنىڭ ئىنتايىن نامرات بىر دېھقان ئائىلىدە تۇغۇلغانلىقىنى، دادىسىنىڭ شۇنچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپمۇ كىچىك دېھقانچىلىق مەيدانىنى روناق تاپقۇزالمىغانلىقىنى، دېھقانچىلىق سايمانلىرىنىڭ كونىراپ، بۇزۇلۇپئىشلەتكىلى بولماي قالغانلىقىنى، قولىدا پۇل بولمىغاچقا، ئۆزى رېمونت قىلىپ ياسىماقتىن باشقا ئامال قالمىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. _ بىزنىڭ ئۆيىمىزدىكىلەرنىڭ قولىدىن تازا ئىش كەلمەيدۇ، ئۇ يىلدىن بۇ يىلغا قولىمىز پۇل كۆرمەيدۇ. ئۆيىمىزدىكىلەر ئەتىدىن كەچكىچە پايدىسى يوق، ئازراق ئامالمۇ يوق، ئەمدى ئۈمىد قالمىدى دېگەنگە ئوخشاش پاسسىپ گەپلەرنىلا قىلىدۇ. بۇلارنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى غۇۋا، مەن ئەزەلدىن ئۈمىدۋارلىققا تولغان پاراڭلارنى ئاڭلاپ باقمىدىم. بىر كۈنى، مەكتەپتە بىر مەيدان نوتۇق سۆزلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، مەن تاكى بۈگۈنگە قەدەر ھېلىقى لېكتورىنىڭ ئىسمىنى بىلمەيمەن. كېيىن ئاڭلىسام ئۇ كىشى دېدۇن خەلقئارا ماشىنسازلىقل شىركىتىدە ئىشلەيدىكەن. ئۇ چاغدا بىز ئۇھىئۇ شىتاتىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدىكى رايوندا تۇراتتۇق. ھېلىقى نۇتۇق سۆزلىگۈچى لېكتور ئاكتىپ تەپەككۇر توغرىسىدا توختىلىپ، پەقەت ئاكتىپ تەپەككۇر قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەندىلا، ئەڭ پاسسىپ شارائىتلاردىمۇ، ئىجادىي ئىقتىدارنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر قانداق پاسسىپ ھەرىكەتلەرنى تۈگەتكىلى بولىدۇ، دەپ سۆزلىدى. ئۇ ئىنتايىن ئەمەلىي سۆزلىدى، سۆزلىرى ناھايىتى يومۇرلۇق بولۇپ، قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە. ئۇ ماڭا نېمىنىڭ ئوچۇقيورۇق كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ئىكەنلىكىنى دەپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئىلگىرىكى پاسسىپ خىياللارنى ۋە گەپ قىلىش ئۇسۇلىمنى ئۆزگەرتىپ، بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان بىر ئادەمگە ئايلانماقچى بولدۇم. بۇلارنى يا ھېچكىم ماڭا ئۆگەتمىدى، قانداق قىلىپ ئۆزۈمدە ئۇنداق خىياللارنىڭ پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنىمۇ بىلمەيمەن. ئەمما مەن باشتا ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىغا ئىشىنىش كېرەك، دەپ قارىدىم. ئەينى ۋاقىتتا مەن شەھەردىكى كىچىك كۇتۇپخانىدىن ئۆزۈمگە پايدىلىق كىتاپلارنى ئىزدىدىم. ئاخىرى سىزنىڭ:قىلالايمەن دەپ قارىسىڭىز قىلالايسىز دېگەن كىتابىڭىزنى تاپتىم. مۇشۇنداق قىلىپ مەن، پەقەت داۋاملىق بوشاشماي تىرىشقاندىلا نىشاندىن ئىبارەت بۇ ھەقىقەتكە ھامىنى بىر كۈنى يەتكىلى بولىدىغانلىقىنى، ئىلگىرلەيمەنلا دېسەم، ئىلاھنىڭ ماڭا كۈچقۇۋۋەت ئاتا قىلىدىغانلىقىنى سەزدىم. شۇڭا، نۇتۇق ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئىچىدە، چوقۇم ماڭا ئوخشاش بۇنداق كىشىلەرنىڭ بارلىقىنىمۇ ھەرگىز ئىسىڭىزدىن چىقارماڭ، ئۇلار دىنى دەستۇرلاردىكى: ھەققانىيەتكە نىسبەتەن ئىچىرقاپ كەتكەن تۇيغۇدا بولۇڭ دېگەن گەپلەرنى ئوبدان پايدىلىنالايدۇ. ئۇ، دېگەن ھەققانىيەت _ توغرا نىيەتنى كۆرسىتەتتى. بۇ ئەستايىدىل ياش، روھىي دۇنياسىنى پۈتۈنلەي يېڭىلاپ ئاخىرى ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار:

خىزمەتنى ئىچىدىن قايناپ قىلىش
ئىسلام دىنى ۋە تەركىي دۇنيالىق
ئاياللارغا زادى قانداق ئەر كېرەك؟
لىرىكىلار
تۆنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەتە
بىز مۇۋەپپەقىيەتتىن بۇرۇن نېمىنى قىلالايمىز
يەرلىك مىللەت مائارىپى ۋە ئانا تىل (4)
غايە-ئېيتىقاد ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا ئەقلىي تەپەككۇر
غۇرۇر ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەت
تىنىچ كۆلدىكى تۇرغۇن سۇنىڭ ئىنىقلىمىسى...
مۈشكۈل ئەھۋالدا قالغاندا يېڭى يول تېپىپ ئىلگىرىلەڭ
«بىزدىكى قەھرىمانلىق تۇيغۇسى ...» ھەققىدىكى قاراشلىرىم
بىر نەچچە مىنۇت بىر ياشنى تامامەن ئۆزگەرتىۋېتەلەيدۇ
ئەجىر — مېھنەت كۈچ
مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى تۆت پەلەمپەي
ئەنئەنىنىڭ يەنە بىر يۈزى
بىزگە قانداق ئەۋلاتلار كېرەك؟
يارىلانغان سوقرات
ئۆسۈپ يېتىلىشىڭىز ئۈچۈن كېرەكلىك 13 خىل ئىقتىدار سىزدە بارمۇ؟
بەخت ۋە بەختسىزلىك
ئۆزلەت-ئۆزۈڭنى تونۇ!
نىشان تىكلەشتە بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار
دەپتەر ھاشىيىسىدىكى پۈتۈكلەر (تاللانمىلار)
ئۆزىنى تۇتۇش ھەققىدە
يەرلىك مىللەت مائارىپى ۋە ئانا تىل (1)
«ﺗﯩﻞ ﻧﯧﻤﯩﺪﻩﭖ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻮﺷﻼﺷﻘﯩﺪﻩﻙ؟!»
ئويلاشنىڭ ئالتە قالپىغى
زىيالىي، يىتەكلىگۈچى ۋە باشقىلارنى ئىلھاملاندۇرۇش
دۇنياغا يېڭىباشتىن تۇغۇلۇڭ
مەن نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمان بولدۇم؟