ئادەتتە بىز ئىشقا ۋاقتىدا بېرىپ – كېلىشنى، كېچىكمەسلىك، بالدۇر قايتماسلىقنى خىزمىتىمىزنى تاماملىغانلىق دەپ بىلىمىز – دە، مائاشىمىزنى خاتىرجەم ئېلىۋېرىمىز. ئەمەلىيەتتە، خىزمەت ئالدى بىلەن پوزىتسىيە مەسىلىسى بولۇپ، ئۇ قىزغىنلىق بىلەن ھەرىكەتنى، تىرىشچانلىق بىلەن ئىجتىھاتنى، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىچىدىن قاينايدىغان روھنى شەرت قىلىدۇ. خىزمەتنى ئىچىدىن قايناپ قىلىدىغان خادىمنى، شۇ خىزمەت زور ئىنئاملار بىەن تارتۇقلايدۇ. گەپنىڭ ئوچۇقىنى قىلغاندا، مەن ئۇچراتقان ياشلارنىڭ كۆپىنچىسى ھېچنەرسىنى بىلمەيدىغان، ھاڭۋاقتىدۇر. ئۇلار ئىشقا ھاڭۋاقتىلىق بىلەن بېرىپ، ھاڭۋاقتىلىق بىلەن كېلىدۇ. بېكىتىلگەن ئاشۇ كۈن يېتىپ كەلگەندە مائاشىنى ئېلىپ، يا بىر قەپەز يايرىۋېتىپ، يا بىر قەپەز قاخشىۋېتىپ، ئىشقا يەنە شۇ ھاڭۋاقتىلىقى بىلەن بېرىپ – كېلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. خىزمەت دېگەن نېمە؟ خىزمەت قىلىشتىن مەقسەت نېمە؟ ئۇلار بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە ھەرگىز باش قاتۇرمايدۇ. بۇلاردىن شۇنىسى ئايانكى، بۇ خىلدىكى ياشلار خىزمەتكە پاسسىپلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، ئىشلەش ئۈچۈنلا ئىشلەيدۇكى، ئۇلارنىڭ خىزمەتكە بارلىق قىزغىنلىقى ۋە ئەقلى – ھوشىنى بېرىشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇلار ۋەزىپىنى مېخانىك ھالدا مەجبۇرىي ئورۇنلايدۇكى، خىزمەتنى ئىجادچانلىق بىلەن ئىچىدىن قاينىغان ھالدا قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. بىز ۋاقىتنىڭ قۇيرۇقىغا سوڭدىشىپ، ئىشقا ۋاقتىدا بېرىپ – كېلىشنى تەكرارلىساق، خىزمىتىمىزنىڭ پاسسىپلىققا، تەپسە تەۋرىمەسلىككە مۇپتىلا بولغىنى بولغان. خىزمىتىمىز ئاڭسىزلىقنىڭ، ئاڭقوۋلۇقنىڭ ئىسكەنجىسىگە چۈشسە قىزغىنلىق، ئەقىل – پاراسەت، ئېتىقاد، ئىجادچانلىق دېگەنلەرنى يۇقىرى چەكتە جارى قىلدۇرۇشتىن؛ گەۋدىلىك نەتىجە يارىتىشتىن مەڭگۈ گەپ ئاچقىلى بولمايدۇ. بۇ ھالدا بىزنىڭ كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرگىنىمىز، ئۆمرىمىزنى ھارام قىلغىنىمىز قالىدۇ، خالاس. خىزمەت – پاراسەت، قىزغىنلىق، ئېتىقاد، تەسەۋۋۇر، ئىجادچانلىق قاتارلىق نۇرغۇن ئىبارىلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن قامۇستۇر. ئۈنۈمدار، تەشەببۇسكار كىشىلەر خىزمەتكە پاراسىتى، قىزغىنلىقى، ئېتىقادى، تەسەۋۋۇرى ۋە ئىجادچانلىقىنى ھەسسىلەپ بېغىشلىسا؛ مەغلۇپ بولغۇچىلار بىلەن پاسسىپلار باھانىگەرلىك، دۆڭگەش، زارلاش قاتارلىقلار بىلەن ئالدىنىپ، يۇقىرىقى ئىبارىلەرنى چوڭقۇر مۆكتۈرۈپ، تىرىكتاپتەك ياشايدۇ، خالاس. خىزمەت ئالدى بىلەن پوزىتسىيە مەسىلىسى بولۇپ، ئۇ ئىچتىن ئورغۇغان ئىشقتۇركى، قىزغىنلىق بىلەن ھېممەت، تىرىشچانلىق بىلەن ئىجتىھات، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىچىدىن يانىدىغان روھ ئۇنىڭ شەرتىدۇر. خىزمەتكە مانا مۇشۇنداق ئەقىدە، مانا مۇشۇنداق پوزىتسىيىدە بولساق، ئۇ بىزنى ئۆچمەس، ئۆڭمەس ئىنئاملار بىلەن تارتۇقلىماي قالمايدۇ. شۇنىسى سەمىمىزدە بولسۇنكى، كۈندە ئەتىگەن كېلىپ، كەچ قايتىدىغان ئاشۇ ئادەملەرنىڭ ئەستايىدىل؛ كۈندە ئالدىراش – تېنەش يۈرۈيدىغان ئاشۇ ئادەملەرنىڭ مۇنەۋۋەر، ئىشقا كۈندە ۋاقتىدا ئۈنىدىغان ئاشۇ ئادەملەرنىڭ مەسئۇلىيەتچان بولۇپ كېتىشى ناتايىن. ئۇلار ئۈچۈن كۈندىلىك خىزمەتلەر بىر تۈرلۈك يۈك، بىر تۈرلۈك جان قىيناشتۇر. ئۇلار خىزمەتلەرنى ھەرگىزمۇ ئۆز تەلىپى بويىچە ئارتتۇرمايدۇ. بۇنداق قىزغىنلىقى، مەسئۇلىيەتچانلىقى يوق، ئىچىدىن قاينىمايدىغان قۇرۇق ئاكتىپ خادىملار ھەرقانداق كارخانا ۋە خوجايىنغا نىسبەتەن يۈكتۇر، رودىپايدۇر. خىزمەت ھەرگىزمۇ نېمە قىلىش ۋە قانداق ھەققە ئېرىشىش مەسىلىسى بولماستىن، بەلكى ھاياتقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىدۇر. خىزمەت دېمەك ئىچىدىن قايناش، خىزمەت دېمەك تىرىشچانلىقنى سەرپ قىلىش دېمەكتۇر. بىز نېمىدە ئۇتۇق قازانماقچى ياكى نېمىگە ئېرىشمەكچى بولساق، زېھنىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ شۇنىڭغا سەرپ قىلىمىز. مانا مۇشۇ ماھىيەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، خىزمەت تىرىكچىلىكنى كۆزلەپلا قىلىدىغان ئىش بولماستىن، بەلكى ھاياتنى سەرپ قىلىدىغان ئىبادەتتۇر! ئۇتۇق پوزىتسىيىدىن كېلىدۇ. ئۇتۇق — ئۇزۇن مۇددەتلىك تىرىشچانلىقنىڭ جۇغلىنىشىدىن ھاسىل بولىدىغان جەرياندۇر. تەشەببۇسكارلىق دېگىنىمىزدە، ھەر قاچان پۇرسەتنى ئىگىلەشتەك ھازىرلىقتا تۇرۇش، خىزمەتكە قارىتا باشقىلار كۈتكەندىكىدىنمۇ ئارتۇق تەخىرسىزلىكتە بولۇش، شۇنداقلا ۋەزىپىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن، زۆرۈر تېپىلغاندا قائىدە – تۈزۈملەرنى بۆسۈپ تاشلاشتىن ئايانماسلىق كېرەك دەيدىغان پاراسەت ۋە ھۆكۈمچىلىككە ئىگە بولۇش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئۆز خىزمىتىدىكى ئەھمىيەت ۋە مەسئۇلىيەتنى بىلىش، ئىچىدىن قايناشتەك خىزمەت پوزىتسىيىسىنى مەڭگۈ ساقلاپ، ئۆزىنىڭ ھەرقانداق ھەرىكىتىگە ئىگە بولۇش — مانا بۇ چوڭ ئىشلارنى باشقا ئېلىپ چىققان ئادەملەر بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈشنىڭ كويىغا كىرىۋالىدىغانلارنىڭ نېگىزلىك پەرقىدۇر. بۇ پاكىتنى چۈشىنىپ، ئۆز خىزمىتىمىزنى مۇشۇ نەزەر بىلەن يېڭىۋاشتىن كۆزەتسەك، خىزمىتىمىز ھەرگىز يۈك بىلىنمەيدۇ، بەلكى ناھايىتى ئاددىي بولسىمۇ مەنەغا چۆمۈلىدۇ. خىزمەت جەريانىدا، نورمىمىزدىن سىرت بولسىمۇ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى بايقىغانلىقىمىز ئەمەلىيەتتە باشقىلاردىن ھالقىشنىڭ پۇرسىتىگە مۇيەسسەر بولغىنىمىزدۇر. چۈنكى خىزمەتنى ئىچىدىن قايناپ قىلىشنىڭ تېگىگە يوشۇرۇنغىنى باشقىلارغا قارىغاندا ھەسسىلەپ كۆپ كۈچ سەرپ قىلىشىمىزنى تەقەززا قىلىدىغان پاراسەت، قىزغىنلىق، مەسئۇلىيەت، تەسەۋۋۇر، ئىجادچانلىق قاتارلىق مەنىۋى خىسلەتلەردۇر.
http://www.bilqut.com/kutupxana/show.php?itemid=1810


