تۇرمۇشتىكى 8 ھەقىقەت

1. دوستلار ئۆزلۈكسىز تۈردە كېلىپ -كېتىپ تۇرىدۇ. كۈرمىڭلىغان كىشىلەر سىز بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ۋە ئۇچرىشىشنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. دوستلۇرۇم ئاز دەپ ئاغرىنماڭ، ھىچ بولمىسا ھەرپلەرنى تىزىپ ئىسىم ياسىسىڭىزمۇ سىزنىڭ يەنە مىليارت دوست تۇتۇش مۈمكىنچىلىكىڭىز بار. ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىدە «مەڭگۈلۈك دوست يوق مەڭگۈلۈك پايدا-زىيانلا بار» دەيدىغان بىر ھىكمەتلىك سۆز بار، سۆز ھەركىتى ئارقىلىق سىزنى زىياندىن توسىدىغان دوستلارلا ھەقىقى دوست ھىساپلىنىدۇ.

2. سىز دائىملا دىگىنىڭىزگە ئېرىشەلمەيسىز. سىز ئەتراپىڭىزدىكى ماددى نەرسىلەرگىلا سەپ سالماڭ، قوبۇل قىلىشنى ئۈگىنىۋېلىڭ، ھاياتنىڭ قىسقىلىقىنى ئويلاڭ-دە، بۇ خىل ئامىتىڭىز كەلمىگەن كۈنلەرنىڭمۇ تەڭ نىسبەتتە قىسقا بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ.

3. نۇرغۇن كىشىلەر سىزنى ياخشى كۆرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا نۇرغۇن كىشىلەر سىزنى ياقتۇرمايدۇ. ئۇلارنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىپ سىزنىڭ يامان تەرىپىڭىزنى قىلىشى پەقەت ئۇلارنىڭ ئۆز ئىشى، سىز ئۇلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىڭىزگە قارىتىمەن دەپ ئويلىسىڭىز ، ئۇ پەقەتلا ئۆزىڭىزنى ئالدىغانلىق بولۇپ قالىدۇ. بىلىڭكى تەڭرى سىزنى ياخشى كۆرگەچكە ياراتقان ۋە سىزدىكى ئەقىل ۋە ھىس قىلغۇچى ئەزالارنى سوۋغا قىلغان، سىزنى مۇئەيەن ھۆرمەت ۋە كىشىلىك ئورۇنغا ئىگە قىلغان. سىز ئۆزىڭىزنى مەن ياخشى كۆرۈشكە ئەرزىيمەن دەپ قارىسىڭىزلا تەڭرىگە يارىغان بولىسىز. باشقىلارنىڭ قانداق قارىشى مۇھىم ئەمەس.

4. تۇرمۇشىڭىزنى پەقەت ئۆزىڭىزلا ئۆزگەرتەلەيسىز. ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئىش قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ، چۈنكى سىزگە ياردەم قىلغان كىشىلەر مەڭگۈلۈككە ياردەم قىلمايدۇ، شۇڭا سىزمۇ ئۇ خىل ھاسا تاياقلارسىز ياشاشنى بىلىشىڭىز كېرەك. سىزنىڭ تۇغۇلۇشىڭىز ۋە ئۆلۈپ كېتىشىڭىز ئارىلىقىدىكى بارلىق جەريان ۋە نەتىجە تامامەن ئۆزىڭىزنىڭ تىرىشچانلىقىغا باغلىق. ھىچكىم سىزنى ئەقلى ئىشلىمەس قىلىپ قويالمىغىنىدەك ھىچكىممۇ سىزنى دۇنياغا مەشھۇر قىلىۋېتەلمەيدۇ. ئۆزىڭىز ھەل قىلالايدىغان ئىشلارنى باشقىلارغا تايىنىپ ھەل قىلىپ ئادەتلىنىپ قالماڭ.

5. سىز مەغلۇپمۇ بولۇپ تۇرىسىز. سىز باشقىلاردىن كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالىسىز، لېكىن مەغلۇبىيەت سىزگە كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىتىدۇ. ئۇلارنى غەلىبە ئۈچۈن ئۇل قىلىشنى بىلىش كېرەك. ئادەم ئاتىمىز مەغلۇپ بولۇپ يەرگە چۈشكەندىن كېيىن قايتىدىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ پەيغەمبەر بولغان. يەنە شۇنىمۇ بىلىڭكى توغرا تاللاشنىڭ مەغلۇبىيىتى خاتا تاللاشنىڭ غەلىبىسىدىن سۆيۈملۈك.

6. ئۆزىڭىز كونترول قىلىشقا كۈچىڭىز يەتمىگەن ئىشلارغا زورۇقماڭ. سىز ئۆتمۈشنى ئۆزگەرتەلمەيسىز ، لېكىن سىز شەيئىلەرگە بولغان ئىنكاسىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيسىز. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ئىنسان ئۆز قۇدرىتى يېتىدىغان ئىشلارغىلا تەكلىپ قىلىنغان.

7. بۈگۈننى كۆپرەك ئويلاپ ، ئەتىنى ئازراق ئويلاڭ. سىز قىلغان ئىشلارنى سىز ئۆزىڭىز پەرۋا قىلىدىغان كىشىلەر بىلسىلا بولدى، قالغان ئۇششاق ئىشلارغا ئۇنچە ئۆزىڭىزنى ئۇرۇپ كەتمەڭ، پەقەت ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغانلا ئىشلار ئۈچۈن ۋاقتىڭىزنى كۆپرەك سەرپ قىلىڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى بىز پەقەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىزنى قىلساقلا بولىدۇ، چۈنكى نەتىجە ۋە شان-شەرەپ تەييارلىقى بار، تىرىشقان ئادەملەرگىلا نېسىپ بولىدۇ.

8. باشقىلاردائىم سىزدىن كۆپرەككە ئېرىشىدۇ. باشقىلارنىڭ سىزدىن كۆپرەككە ئېرىشكىنىگە قاراپلا ، ئۇلارنى ھەممىدىن رازىمىكىن دەپ ئويلىماڭ، مەلۇم بىر داڭلىق شەخسنىڭ تەرجىمھالىنى كۆرسىڭىزلا ئۇلارنىڭ ئېرىشكىنىدىن بەكرەك، تارتقىنى كۆپ ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىسىز. سىز دىققىتىڭىزنى ياخشى كۆرۈشكە تىرىشىپ ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىلەرگە ئەمەس بەلكى ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان نەرسىلەرگىلا مەركەزلەشتۈرۈڭ.

http://www.anatuprak.net/mazmun.asp?action=makala&id=545

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار:

«نېگىر»لارنىڭ قەد كۆتۈرۈشى
ئۆسۈپ يېتىلىشىڭىز ئۈچۈن كېرەكلىك 13 خىل ئىقتىدار سىزدە بارمۇ؟
يېڭىچە تۇرمۇش تىرىشچانلىقتىن كېلىدۇ
ئاياللارغا زادى قانداق ئەر كېرەك؟
لىرىكىلار
بىزنىڭ ماكان ئېڭىمىزغا نىمە بولدى؟
مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى تۆت پەلەمپەي
بىزگە قانداق ئانىلار كېرەك؟
تۇرمۇش، ئادەم ۋە ئۆلۈم
سالامەتلىككە ئائىت ماقال-تەمسىللەر
چەتئەل ھېكمەتلىك سۆزلىرىدىن جەۋھەرلەر
يارىلانغان سوقرات
ئەمانىڭ ھايات مەنتىقىسى
لوقمان ھېكىمنىڭ ئوغلىغا قىلغان نەسىھەتلىرى
بىز مۇۋەپپەقىيەتتىن بۇرۇن نېمىنى قىلالايمىز
«ﺗﯩﻞ ﻧﯧﻤﯩﺪﻩﭖ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻮﺷﻼﺷﻘﯩﺪﻩﻙ؟!»
غايە-ئېيتىقاد ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا ئەقلىي تەپەككۇر
ياپونىيە نېمىشقا تەرەققىي قىلالىغان؟
دابىشلىم پادىشاھ ۋە بىدپاي ھەكىمنىڭ ھېكايىسى
تۆنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەتە
روھنى ساغلاملاشتۇرۇش- مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇقەددىمىسى
ئۆزۈم ھەر جايدىمەن، كۆڭلۈم سەندىدۇر
كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ
ھېكمەتلەر
چىن مۇھەببەت مەڭگۈ بەربات بولمايدۇ
ئادىمىيلىك مۈلكى
بىر ئايالنىڭ يۈرەك سۆزى
ھاتەمنىڭ نەسىھىتى ھەققىدە
غۇرۇر ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەت
ئۆزبېك خەلق ماقاللىرى