ئاپتۇر : مۇتەللىپ ئەنۋەر ئۇيغۇرتېكىن مەنبە : ئۇيغۇرتېكىن بلوگى
ھەممە ئادەم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنى ئويلايدۇ . ھېچكىمنىڭ قەدەمدە بىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ يامان كۈنگە قالغۇسى يوق ئەلۋەتتە . مۇۋەپپەقىيەت ھەممىمىز ئىنتىلىدىغان بۈيۈك نىشان . ئەمما ھەممە ئادەمنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىپ كېتىشى ناتايىن ، ئەمما ھەممە ئادەم جەزمەن ھەرخىل تۇيغۇغا ئىگە بولىدۇ . بەزىلىرى نېمە ئۈچۈن مەغلۇب بولغانلىقى ئۈستىدە كاللا قاتۇرسا ، يەنە بەزىلىرى بۇ قېتىمقى ئاچچىق تەجرىبە ساۋاقنى يەكۈنلىمەكچى بولىدۇ . يەنە بەزىلەر كىملەردىندۇر ۋە جەمئىيەتتىنمۇ رەنجىپ ئۈلگۈرىدۇ . مېنىڭچە باشقىلاردىن ۋە جەمئىيەتتىن رەنجىگەننىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق . رەنجىشكە توغرا كەلسە پەقەت ۋە پەقەت ئۆزىمىزدىن رەنجىسەك بولىدۇ . گەپنى مۇشۇ ماقالىنىڭ تىمىسىغا قاراتقاندا ، مېنىڭ بۇيەردە مۇلاھىزە قىلماقچى بولغان ئاساسلىق مەسىلەم – مۇۋاپىقىيەتتىىن بۇرۇنقى ئىشتۇر .
بۇ يولغا كىرگەن ئادەم ھامان ئىككى خىل نەتىجە بىلەن قايتىدۇ . بۇ يەردە بۇ ئىككى خېل نەتىجىدىن باشقا ھېچقانداق نەتىجە بولمايدۇ . يەنى ، بىرسى ، نىشانغا يېتىش ؛ يەنە بىرسى ، نىشانغا يېتەلمەسلىك . مانا مۇۋەپپەقىيەت بىلەن مەغلۇبىيەت مانا مۇشۇ ئىككى نەتىجىگە قاراپلا ئايرىلىدۇ . سىز مەيلى ئاخىرقى نۇقتىغا قانچىلىك يېقىنلىشىڭ ، سىز نىشانغا يېتەلمىگەن بولسىڭىز ، ئۆزىڭىزنى ئالداپ يۈرۈشنىڭ ھېچقانداق زۈرۈيىتى يوق . ئۆزىڭىزنى ئېتىراپ قىلىشنى بىلسىڭىز ، ئەتراپىڭىزدىكى مۇھىت كەڭرى بىلىنىدۇ ، ھەممە نەرسە ئۆز قىممىتى بىلەن سىزگە مۇئامىلە قىلىدۇ ، ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنى ئالداپ يۈرسىڭىز ، ھەممە نەرسىنىڭ سىزگە ھېچقانداق رولى بولماسلىقى سىزنىڭ خىيالىڭىزنى بىر مۇقەررەرلىك ، ئەلۋەتتە .
ئۇنداقتا ، بىز زادى مۇۋەپپەقىيەت بۇرۇن نېمىنى قىلالايمىز ؟ زادى نېمىنى قىلىشقا بىزنىڭ قۇربىتى يېتىدۇ ؟ بىز مۇۋەپپەقىيەتتىن بۇرۇن نېمىنى قىلىشقا سالاھىيەتلىك ؟ مانا بۇ مەسىلە ھەممىمىزگە ئىچكىي ئېنېرگىيە ئاتا قىلىدىغان ، ھەممىمىز زۆرۈر دەپ قارايدىغان تەخىرسىز مەسىلىدۇر . نۇرغۇن كىشىلىرىمىز ئويلىشىشى مۇمكىن ، مۇۋەپپەقىيەتتىن بۇرۇن ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ، پايدىلىق شارائىت ھازىرلاش ، ئىقتىسادنىڭ كۈچىنى نامايان قىلىش … قاتارلىق بىر قاتار ئىلمىي بولمىغان كۆز قاراشلارنى كۆز ئالدىغان كەلتۈرۈشى مۇمكىن . بۇنى ھەممە ئادەم قىلىپ كېتەلمەيدۇ . ئۇنداقتا مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئالدىدا قولىدا تىيىننىڭ سۇنۇقى بولمىغان بىر ئادەمدىن تارتىپ ھەتتا مىليۇنىرغىچە ماس كېلىدىغان قىلىش پۇرسىتى تولۇق پىشىپ يېتىلگەن نەرسە زادى نېمە ؟ ئۇ بولسىمۇ جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىش . بۇ ھەرگىزمۇ مەن بۇ يەردە يېزىپ ئولتۇرغان بىر جۈملە ئاددىيلا سۆز ئەمەس . پەقەت مۇشۇلا بىزگە ھەقىقىي ئۈنۈم بېرىدۇ . بىز قانچىلىك بەدەل تۆلىسەك ، ئۇ بىزنى قۇرۇق قول قايتۇرمايدۇ . بۇ بىز بىردىنبىر قىلىش ھوقۇقىغا ئىرىشكەن شەرەپلىك ئىش . ئەزەلدىن دۇنيانى ئۆزگەرتىپ كەلگەن مەشھۇر شەخسىلەرنىڭ ھەممىسى كۆپىنچە ئەھۋالدا مۇشۇ قائىدىگە بويسۇنۇپ كەلگەن . توغرا بىز باشقىلارنى بويسۇندۇرالمايمىز ، باشقىلارنى بويسۇندۇرىمىز دېگىنىمىز ئۇخلاپ چۈشىمىز ، بىر ئادەم بىر ئادەمگە ئەبەدىي بويسۇنمايدۇ ، ئۇ گەرچە قۇل بولغان تەقدىردىمۇ شۇنداق . ئەمما بويسۇندۇرۇش تامامەن مۇمكىن بولغان ئۆزىمىزنى بويسۇندۇرساق ، مۇۋەپپەقىيەتتىن بۇرۇن پەقەت تىرىشىپ مەشىق قىلساق ، بىزنىڭ مەلۇم جەھەتتىكى قابىلىيىتىمىز مەلۇم سەۋىيىگە يەتسە ، ئۇ ھالدا بىزنىڭ شۇ ساھەدە بىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقىشىمىز پۈتتى دېگەن گەپ . تەر ئاققۇزماي نەتىجە ئېرىشىش ئەخمەقلەرنىڭ ئىشى بولسا كېرەك .
مۇۋەپپەقىيەت بىر مۇشكۈل جەريان ، بۇ جەرياندا نەتىجىگە ئالدىراپ مۇھىم ھالقىلارغا سەل قاراشقا بولمايدۇ ، ئامال بار ئۆزىمىزنى تەمكىن تۇتۇپ ، جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىشىمىز كېرەك . ئەگەر بىز جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىشنى بىلمىسەك ياكى بەرداشلىق بېرەلمىسەك مۇۋەپپەقىيەت چۈشىنى كۆرمىسەكمۇ بولىدۇ . ئۆزىمىزدە بار بولغان كۈچنى ھېس قىلالمىساق ، ئەڭ ئاددىي نەرسىلەردىمۇ باشقىلارنىڭ ئاغزىغا قارىساق ، بىزدە نەدىمۇ ئىجادىي تەپەككۇر بولسۇن ؟ بۇنداق ئادەمدىن يەنە كەلگۈسىدە قانداق چوڭ ئۈمىدلەرنى كۈتكىلى بولسۇن ؟ شۇڭا بىز ئۆزىمىزنى قەدىرلەپ ، ئۆزىمىزدىكى يۇشۇرۇن كۈچنى قازايلى ، ئۆزىمىز جەزمەن قىلالايدىغان مۇۋەپپەقىيەتتىن بۇرۇنقى جاپالىق مەشىقنى باشلايلى . بىز ھامان كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجىگە ئېرىشىمىز . ئاندىن ئۆزىمىزنى ۋە ئەتراپىمىزدىكى مۇھىتنى ئۆزگەرتەلەيمىز . مانا مۇشۇنداق ئۆزگىرىش ياسىيالايدىغان ئادەملا ھامان غالىبىيەت سەھنىدىن ئورۇن ئالىدۇ .
ئۇلىنىش مەنزىلى : http://uyghurtekin.blogbus.com/logs/65476796.html
بىز مۇۋەپپەقىيەتتىن بۇرۇن نېمىنى قىلالايمىز
يوللانغان ۋاقتى: 22-06-2010 بۇ تېمىا تەۋە بولغان سەھىپە: * كىشىلىك يېتىلدۈرۈش
يەرلىك مىللەت مائارىپى ۋە ئانا تىل (1)
داھى ۋە لېدىرلىق نەزەرىيىسى توغرىسىدا ئومۇمىي چۈشەنچە
بىزگە قانداق ئەۋلاتلار كېرەك؟
ئەنئەنىنىڭ يەنە بىر يۈزى
ئاياللارغا زادى قانداق ئەر كېرەك؟
«ﺗﯩﻞ ﻧﯧﻤﯩﺪﻩﭖ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻮﺷﻼﺷﻘﯩﺪﻩﻙ؟!»
ھايات ۋە مۇۋەپپەقىيەت
«ئۆزلۈك ۋە كىملىك» دىن تەسىرات
ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەدئىمىن رۇبائىيلىرى
مەن نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمان بولدۇم؟
تېمىسىز تەرمىلەر (1)
يەرلىك مىللەت مائارىپى ۋە ئانا تىل (2)
تۇرمۇش، ئادەم ۋە ئۆلۈم
ھالاللىق ھەققىدە ئويلار
بىزدىكى پەن بىلەن سەنئەت مۇناسىۋىتىدىكى ئېغىشلار
مۇھەببەت بىر خىل راھەت ۋە ھۇزۇر دېمەكتۇر
زىيالىي، يىتەكلىگۈچى ۋە باشقىلارنى ئىلھاملاندۇرۇش
بەخت ۋە بەختسىزلىك
مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى تۆت پەلەمپەي
روھنى ساغلاملاشتۇرۇش- مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇقەددىمىسى
دەپتەر ھاشىيىسىدىكى پۈتۈكلەر (تاللانمىلار)
يەرلىك مىللەت مائارىپى ۋە ئانا تىل (3)
مۈشكۈل ئەھۋالدا قالغاندا يېڭى يول تېپىپ ئىلگىرىلەڭ
تىنىچ كۆلدىكى تۇرغۇن سۇنىڭ ئىنىقلىمىسى...
سۈكۈنات
غايە-ئېيتىقاد ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا ئەقلىي تەپەككۇر
ۋاقىت ئېڭى ۋە رىقابەت
يەرلىك مىللەت مائارىپى ۋە ئانا تىل (4)
ئىلھاملاندۇرۇشنىڭ كۈچى
«ئىنسان قەلبىنىڭ ئىنژىنىرلىرى» ۋە تارىخىي يىراقنى كۆرمەسلىك



توغرا دەيسىز ، بىز مۇۋەپپىقىيەتتىن بۇرۇن قىلالايدىغىنىمىز پەقەت ۋە پەقەت جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىش ، ئۈزلۈكسىز تىرىشىش .