نىياز قاھار
ناھايىتى ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى توپان بالاسىدىن كېيىن ئىنسانىيەت ۋارۋارلىق دەۋرى ، مەدەنىيەت دەۋرى، ئېلىكتىر دەۋرى ، ئۇچۇر دەۋرى قاتارلىق دەۋرلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ ، ۈگۈنكى گېن دەۋرى ، دېڭىز ئوكيان دەۋرىنىڭ دەرۋازىسىنى ئىنسانىي ئەقلىي تەپەككۈرى بىلەن تىترەتمەكتە.
دەرۋەقە ، تۆنۈگۈن كىشىلەر قالدۇرغان ئىزلار ، قايسىبىر پەيلاسوپ –دانىشمەنلەرنىڭ پاساھەتلىك سۆزلىرى ، قايسىبىر روھانىي –سوپىستلارنىڭ نالىلىرى ، ھەممىنى يالماپ يۇتىدىغان دەھشىتى بىلەن ئۇ قىتئەدىن بۇ قىتئەگە ئاتلاپ ھۆكۈرىگەن شىر يۈرەك شەخسلىرىمىزنىڭ بارلىق قىلمىش -ئەتمىشلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆتمۈشكە تارىخقا ئايلاندى. بىز تۇرىۋاتقان يەر شارى يەنە تۈرلۈك قىسمەت ، ئاجايىپ غارايىپ كارامەتلەرنى ئۆز قوينىغا سىڭدۇرۇپ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىۋەردى .
ئىنسان ئوخشاشلا ئالەمنىڭ خان تاجىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مانا بۈگۈنكى دەقىقىلەرگە ئۇلاشتى . كېلىڭ، ئىگىز- ئىگىز ھەشەمەتلىك ئىمارەتلەردىن ، تىقما تىقما ئادەملەر توپىدىن ، يىلاندەك ئۇزۇنغا سوزۇلغان تېز سۈرەتلىك ئاسفالىت يوللاردىن ، كۆكنىڭ قەرىنى ئىككىلەنمەيلا يېرىۋاتقان پولات لاچىنلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ ، قەدىمىي كارۋان ئىزلىرىنى ئاقتۇرۇپ تاپايلى ۋە ئۇنى بويلاپ تەپەككۈرىمىزدا قېتىپ قالغان بەزى تۈگۈنلەرنى يېشىپ ، ئاشۇ ئىزنالاردا سەلتەنەت سۈرگەن ئالەمشۇمۇل روھ ئىگىلىرىنى چاقىرايلى، ئۇلار بىزگە دىيىشكە ئۈلگۈرەلمىگەن سۆزلىرىنى ئېيتىپ بەرسۇن ….
1
« ئەمدى مەن داۋاملىق ماڭىمەن ، ئۆلۈمگە قاراپ ماڭىمەن . سىلەر داۋاملىق ياشىۋېرىسىلەر ، ئارىمىزدا كىمنىڭ ئەڭ بەختلىك ئىكەنلىكىنى ھىچكىم بىلمەيدۇ . پەقەت ئىلاھلا بىلىدۇ » (سوقرات).
بىر ھەقىقىي دانا ياكى قەھرىمانغا مەن شۇنداق تەبىر بېرىمەن . ئۇ زۇلمەت كېچىنى يورۇتقۇچى مەشئەل ياكى قايتا پارلىغان تولۇنئايدۇر . ئۇ قانداق ئۆلىشىدىن قەتئىينەزەر كىشىلەر ئارىسىدا ئادالەت –ھەقىقەت ئارا تېخى ھايات…..
ھەئە، ئۆلۈم بىشارەت ئۇچقۇنلىرنى چاچرىتىدىغان ، ھىدايەت تېپىش يولىغا باشلىيالايدىغان بىردىن بىر ماياك . ئۆلۈمگە مەغرۇر قارىغان ئادەم ئىنسانىي كامىللىققا يېقىنلىشىۋاتقان ئادەم !
ئويلاڭچۇ ، قايسىبىر چىن ئاقىل ئوردا ساراي ،ئالتۇن كۆمۈشلەر ئىچىدە ھەقىقەت ئۈنچىلىرىنى سۈزۈپ ئالالىغان ؟ ئابدۇل ھەسەن ھەرەكانى :« يەر يۈزىدە يۈرگەن بەزى ئادەملەرنى بىز تىرىك دەيمىز ، ئەسلىدە ئۇلار ئۆلۈك ، يەر ئاستىدا يۈرگەن ياتقان بەزى زاتلارنى بىز ئۆلۈك ھېساپلايمىز ئەسلىدە ئۇلار تىرىك » دېگەن ئاقىلانە سۆزى بىلەن بىزنىڭ يوقۇرقى ئېيتقانلىرىمىزنى دەلىللىيەلمەسمۇ ؟
ئويغىتىش ، ھەقىقەتكە ئۈندەش ناھايىتى مۈشكۈل . پەقەت ئۆزىنى تەڭرىگە بېغىشلىغان ، ئۆز ئۆزىنى تونۇپ ، بېشىدىكى تاجنى ، ئۈستىدىكى لىباسلارنى مەسخىرە قىلىپ :« سەن مەن ئەمەسسەن مەن مەندۇرمەن » دېيەلىگەن ياكى پادىشاھنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ بارلىق ئىمتىياز مەرتىۋىلىرىنى يىرتىپ تاشلاپ ، ھاھنى ئۆزىگە ئوخشاش قەلەندەر ھالىتىدە تەپەككۈر قىلالىغان ۋە «ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش ئىنسان » دېگەن ئىدىيە بىلەن مۇئامىلى قىلىش روھىغا ئىگە ئادەملا مەڭگۈ يىقىلماس تۇغ بولالايدىغان ئادەمدۇر . شۇندىلا ئۇ : « ئۆۈم ھىممىتىدە بارلىق مالامەتلەردىن خالاس بولۇش –مەن ئۈچۈن خاسىيەتلىك بىر ئىش » (سوقرات ) دەپ ئېيتالايدۇ . ئۇ يەنە شۇنداق دەيدۇ : ھەقىقىي مۇشكىلات ئۆلۈمدىن قانداق قۇتۇلۇش ئەمەس بەلكى گۇمراھلىقتىن قانداق ساقلىنىشتۇر . گۇمراھلىق ( روھى ۋەيرانچىلىق)دىن ساقلىنىش –ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇشتىمۇ مۈشكۈل… گۇمراھلىق ئادەمنى ئۆلۈمگە قارىغاندىمۇ تېخىمۇ ئۆلتۈرىدۇ » (سوقرات )
2
قاراڭ، ئەسىرلەر بويى چۆلدەرەپ قالغان ، تارىخ بورانلىرىدا سۇۋاقلىرى چۈشۈپ ئېستىتىك ئىقتقدارىدىن بارغانسېرى تۆۋەنلەپ قەدىرسىز قېىۋاتقان مىڭ ئۆي غارلىرىدىن ، چەكسىز قۇم بارخانلىرىنىڭ قورشاۋىدا قالغان شەھەر قەلئە خارابىلىرىدىن ، دالىلاردا بويۇن قىسىپ قالغان بالباللار ھەم مەڭگۈ تاشلاردىن ، قايسىبىر تاغ چوقىسىدا ئۈزۈندىن ئۇزۇنغا سۈكۈتكە چۆمگەن بۆرىنىڭ ئۈزۈك-ئۈزۈك تىنىشلىرىدىن ، ناھايىتى يىراقتىن گويا ئالۋۇنغا ئوخشاش كۈرۈنىۋاتقان كۆرۈنۈشلەردە ، ئاتلىقلارنىڭ دەھشەت بىلەن نەرە تارتىپ دۈپۈرلەپ كېلىشى ، تۇغ -ئەلەملەرنىڭ ھەيۋەت بىلەن جەۋلان قىلىشلىرىدىن ئۆزىمىزنى يەنە بىر قېتىم كۆرەلەيمىزغۇ ؟!
شۇنداق ، روھى تراگىدىيىگە تويۇنغان راھىبلارنىڭ پاساھەتلىك دۇردانە سۆزلىرى ، ئاخۇنلارنىڭ ۋەزخانلىقلىرى ، ئەمىر مەرەپلىرى ، تەڭرى بىلەن بىر گەۋدە بولۇشقا ئىنتىلگەن تەسەۋۇپچىلارنىڭ نالە-پىغانلىرى ، ئالەمنى قايتا چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنغان پەيلاسوپلارنىڭ تەلىماتلىرى ، قولى ئۆمۈرۋايەت قېلىچ دەستىسىدىن چۈشمىگەن سىياسىئون ، قەھرىمانلارنىڭ قەھرى غەزىپىمۇ ئوخشاش ئۈزۈلمەس ئېقىن بولۇپ قەدىمىي تەگكەنلىكى جايلارنى سۇغۇرۇپ ماڭدى . ئۇندا مۇھەببەت ۋە نەپرەت تامغىسى خېلىلا قېنىق ئىدى . ئويلاڭچۇ ، ئەگەر ئاشۇ تارماق ۋە غول ئېقىنلاردىن ئۇلارنىڭ روھىيەت ئۈنچىلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلساق ، بۇ روھ جۇغلانمىسى ( مەدەنىيەت ) دىن سىرت يەنە نىمىلەرنى كۈتۈش مۈمكىن ؟ ئۇلارنىڭ قېنىدا ئەركىن ئۈزۈپ يۈرگەن تۈرلۈك تۈمەن « مەنىۋىي جانلىقلار» يەنە قانداق يوسۇندا ئىپادىلىنىۋاتىدۇ ؟
3
بېرىڭچۇ، ئېتىكاپتا ئولتۇرۇپ پوۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن چەكسىز ئاقلىق ( بالىلىق روھ) قا ئىنتىلىۋاتقان ئاشۇ ئىلاھسىمان ئىنسانلار قېشىغا . ئۇلاردىن :«بىز كىم ؟» دەپ سوراڭ . ئۇلار :
ئايا سىز جان تىكىپ ھەمىشە ئىزدەيسىز ئىلاھنى ،
ئۇنى ئىزدەش ھاجەت ئەمەس ئىلاھى سىز –ئىلاھى سىز . (جالالىدىن رۇمى )
دەپ جاۋاپ بېرىشى چوقۇم . نىھايەت روھ بارلىق ئىنسان ۋە بارلىق ئىنسانىيەت تەپەككۈرى ئىپادىسىدە زامان ۋە ماكان شەكلىدە ئۈزۈلمەس ئېقىن بولۇپ ، ھەرخىل يوللار بىلەن گاھ بېرىكىپ ، گاھ پارچىلىنىپ كەلمەكتە . بۇ جەرياندىكى روھىي جۇغلىنىش (مەدەنىيەت ) يېڭى –يېڭى مەزمۇنلار بىلەن مۇئەييەن سۋىلزاتسىيىلىك سېستىما باسقۇچىنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق ئىنسانىيەت ئېڭىدىكى روھىي جۇغلانما جەۋھىرى « تەڭرى» نى يارىتىش بىلەن كۇپايىلەندى .
« ئۆز روھىي دۇنيارىڭنى بىلىش ۋە ئىگەللەش ، بىر چاغلاردا ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننىڭ يەر يۈزىنى ئىشغال قىلغىنىدىمۇ مۈشكۈلرەك ، لېكىن مۈشكىلى كېيىن كېلىدۇ . ھەممىنى ئۇقىسەن . ئەمما دۇنيادىكى تەلۋىلەرگە قاراپ ، ئۇنى زەررىچە بولسىمۇ ئۆزگەرتىش قولۇڭدىن كەلمەيدۇ . قىيىندىن قىيىن مەسىلە مۇشۇ!» ( جالالىدىن رۇمى ) .دىمەك روھ ئۆزىمىز دىمەكتۇر .ئۆزىمىز روھ ، يەنى تەن شەكىل ، روھىمىز مەزمۇن . قاچانكى بۇ روھنى يوقۇتۇپ قويىدىكەنمىز ئىنسانىيەت جەمىئىيىتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىدىمۇ ھىچنىمىگە ئەرزىمەس ، ئېغىزدىكى تۈكرۈكچىلىك قەدرى يوق بولۇپ ياشايمىز ، خالاس. مانا بۇ ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ۋەيران قىلىش ، روھىمىزنى نابۇت قىلىىش دېمەكتۇر .
شۇنداق، روھ بىرىنچى ۋەتەن !
4
بۇ قويۇنغا گۈزەل ئەپسانىلەرمۇ ، كىشىنى ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا چۆمۈلدىرىدىغان قەھرىمانلار ھەققىدىكى رىۋايەتلەرمۇ، شۇنداقمۇ پاجىئەلىك ھېكايەتلەرمۇ مۇجەسسەملەنگەن . ئەپسۇس تۆنۈگۈنكى ئەپسانە بىلەن رىۋايەت بۈگۈننىڭ داستىخىنىدا چانىدىغان بولۇپ قالدى . ئەمدى كىشىلەر بۆرىنىڭ دەھشەتلىك ھۇۋلاشلىرىدىن زۇقلانمايدىغان ، قېرىلار كۆكە چوقۇنمايدىغان، بالىلار مومايلارنىڭ چۆچەكلىرىگە زەڭ سالمايدىغان،ئەرلەر دوپپا كەيمەيدىغان ،ئاياللار ئىككى تال ئۆرمە چاچ قويمايدىغان بولدى . بەلىكم زامانىۋىي تەرەققىياتنىڭ كۈچلۈك قۇدىرىتى كىشىلەرنىڭ روھىدىن بۆرىنى ، قېرىلارنىڭ ۋۇجۇدىدىن تەڭرىنى ، ئەرلەرنىڭ بېشىدىن دوپپىنى ، ئاياللارنىڭ ھۆسىنىدىن ئۇزۇن-ئۇزۇن چاچلارنى يۇلۇپ ئېلىپ تاشلىۋېتىشىمۇ مىللىي ئۆزلۈكتىن ياتلىشىشنىڭ بىر تۈرلۈك سەۋەبى بولسا كېرەك .
ماددىي مەئىشەت كىشىلەرنىڭ روھىنى ئۆزلۈكسىز چىرماپ ، ئۇلارنى زامانىۋىي قۇراللار ئالدىدا ئامالسىز قىلىپ قويغاندا كىمدۇ بىرى :« مىلتىقنىڭ بارلىققا كېلىشى ئىنسانلار ئارىسىدىكى مەردلىكنى كۆتۈرىۋەتتى » دەپ ھەسرەت چەككەن ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئۆزىنى تۇيۇپ قالغان كىشىلەر دۇنيانىڭ بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدا باشقىچە تەپەككۈر قىلدى . ئۇلار :
-ياق ، بىزنىڭ روھىمىز بۇ ئەمەس ، بىزگە ئۆزىمىزنىڭ روھى كېرەك – دەپ چۇقىراشتى . بۇ ئاخىرىدا كىشىلەرنى قەدىمىي ئاسارە ئەتىقىلەر ئىچىدە ئۆزىنى ئىزدەش ، يىلتىزىنى تېپىش دولقىنىغا غەرق قىلىۋەتتى. تارىخچىلار ۋە پەيلاسوپلار باشقىدىن جانلاندى . كىشىلەر ئەمدى زامانىۋىيلىققىلا ئەمەس ، ئەنئەنە ، مىللىي روھقىمۇ نەزىرىنى ئاغدۇرىدىغان ، ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى .
ھەئە ،« ئۆزىنى تونىغان خۇدانى تونىيدۇ »
5
كېلىڭ ، بىز ئەمدى ئىنسانىيەتكە بايراقدار بولغان ھەم بولىۋاتقان ھەم بولۇشقا ئىنتىلىۋاتقان ، ئۆزىمىزگىمۇ ئورتاق بولغان مەشھۇر كىشىلىرىمىز توغرىسىدا ئىككى كەلىمە سۆز قىلىپ باقايلى .
كىمدۇ بىرى :« بىر ئالىم پەقەت ئالىم بولۇش ئۈچۈنلا كۆرەش قىلسا ، ئۇ ئۇچىغا چىققان ئەخمەقتۇر » دېگەندەك قىلغان ئىدى .
راست ، ئېينشتىيىن ئۆزىنىڭ ئاجايىپ تالانتى بىلەن ئىنسانىيەتكە كارامەت مۆجىزىلەرنى يارىتىپ بەردى . بۇ بۆيۈك ئالىم ئۆزىنىڭ ئاغدۇرۇلماس نەزىرىيىسى « نىسپىيلىك نەزىرىيىسى » بىلەن كىشىلەرنىڭ قولىغا كۈچلۈك قۇرال تۇتقۇزدى . ئۇ بۇ قۇرالنىڭ كۈچىنى كۆرگندىن كېيىنلا قاتتىق ئازاپلاندى .
دەرۋەقە ئۇ ، پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ تەقدىرىگە ھەم ئاپەت ( بۇنىڭ تېمىنى تېتىغۇچىلار ياپۇنلار ئىدى ) ھەم ئامەت ئېلىپ كەلدى . بەلكىم شۇ چاغدىن باشلاپ ئۆزى ھەققىدە ، ئادەملەر ھەققىدا ئاجايىپ خىياللارنى قىلغاندۇ . شۇڭا ئۇ ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى : « ئەگەر ماڭا قايتا تۇغۇلۇش پۇرسىتى بولغان بولسا ، ئۇ چاغدا مەن يايمىچىلىق كەسپىنى تاللىۋالغان بولاتتىم » دەيدۇ .
ئويلاڭ ، يېرىم ئەسىردىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە گەرچە ئېينىشتىيندەك بۆيۈك ئىشلارنى قىلالىغان ئالىملىرىمىز تېخى روياپقا چىقمىغان بولسىمۇ ، شۇنىڭغا ئىنتىلىۋاتقان ئالىملار ئىچىدە پەقەت ئالىم بولۇش ئىستىكىدە ئالىم بولغان ۋە ياكى كۆرۈشىۋاتقان ئادەملەر ئازمۇ ياكى كۆپمۇ؟ ئالىملارلا ئەمەس ئۆز ئىچىمىزدە پەقەت شائىر شائىر بولۇش ئۈچۈنلا ، باشلىق پەقەت ياىشى باشلىق بولۇش ئۈچۈنلا ، ئوقۇغۇچى پەقەت ياىشى ئوقۇغۇچى بولۇش ئۈچۈنلا ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئۆزىنىڭ تېنىنىڭ ئىھتىياجى ، تۇرمۇشۇنىڭ مۇھتاجى ئۈچۈنلا كۆرەش قىلىۋاتقان ئادەملىرىمىز كۆپمۇ ياكى ئازمۇ؟ «كۆڭۈلنى تازلىماق ھاجەتخانا تازلاشتىنمۇ قىيىن دەپتىكەن » جالالىدىن رۇمى .
ئېيتىش كېرەككى ، مەيلى ئادەم تۇغما قابىل ياكى ساھىپجامال بولسۇن، مەيلى ئۇ يوقىرى دەرىجىلىك سىياسىئون ياكى جامائەت ئەربابى بولسۇن ، مەيلى ئۇ ئىقتىسادىي ياكى ئىلىم پەن ، سەنئەت بىلەن شوغۇللانغان بولسۇن ئۇنىڭ كامالەت ياكى مەئىشەت دەرىجىسى ، شەخسى ئىززىتى ۋە رىقابەت كۈچى ، بەختى ۋە تەقدىر قىسمەتلىرى ئاخىرقى ھېساپتا ئۇنىڭ شەخسىي ئىرادىسى ياكى مۇناسىۋەت ئەۋزەللىكى تەرىپىدىن ئەمەس ، بەلكى ئۇ ھالقىپ قاڭقىپ چىقىپ كېتەلمەيدىغان ئۇ تەۋە ئېتنىك تۈركۈمنىڭ ئومۇمىي ھالەت چەمبىرى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ .
6
ئېھتىمال ، چىڭگىزخاننىڭ ۋالىلداپ تۇرغان قېلىچلىرىدا ، ناپالىئوننىڭ قارا مىلتىقلىرىنىڭ سىتۇۋۇللىرىدا ، ، گېتلىرنىڭ توپ زەمبىرەك ، تانكىلىرىدا ، مەجبۇرلاش خاراكتىرىدىكى قارا كۈچنى ئەقلىمىز ۋە تۇيغىمىز بىلەن تونۇپ يەتكىنىمىزدە ، ئۇنىڭغا قارشى ھاسىل بولغان قايناملاردىن ، بىرىنچى خىل روھ جۇغلانمىسى ( بىرىنچى خىل مەدەنىيەت )نىڭ ھامان مەجبۇرلاش ، زورلۇق ئىشلىتىش ئارقىلىق ئىككىنچى خىل روھى جۇغلانما (ئىككىنچى خىل مەدەنىيەت )نى بويسۇندۇرغىلى ، تاڭغىلى ، يوقىتىۋەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى ياكى ئىككىنچى خىل روھى جۇغلانما ئۈستىدىن غەلبە قىلىپ ئۆز روھىنى مەجبۇرى تاڭغاندىمۇ ، ئەڭ ئاخىرىدا مەغلۇبىيەت بىلەن نەتىجىلىنىدىغانلىقىنى ھىس قىلىشىمىز مۇمكىن . ئەلۋەتتە ، ئىككىنچى خىل روھى جۇغلانما قۇرۇلغان جەريانى ئۇزۇن ، پۇختا ھەم مۇستەھكەم روھىي جۇغلىنىش ئاساسىغا ئىگە بولغان بولىدۇ .
خاتىمە
ئۆلۈم –مەردانە ئۆلۈم – بۆيۈك روھنىڭ يۈكسەك ئىپادىسى !!!
دالىلاردىكى غېرىب بالبال، مەڭگۈ تاش، ئاخرەتلىكى پۈرىۋاتقان مىڭ ئۆي ، شەھەر قەلئە خارابىلىرى ، قىياتاش رەسىملىرى …ئۆزىمىزدىن ساقىغان نۇر ، روھىي نۇر!!!
روھىي گۇمراھلىق ۋە قايتا ئويلىنىش .
بۈگۈنكى روھسىزلىق ۋە روھىي ئىزدىنىش .
تۆنۈگۈنكى ، ھازىرقى ۋەكىللىك روھى بايراقدارلىرىمىز ۋە ئۇلارنىڭ مەنىۋىيىتىدىكى روھى پاجىئە .
ھەقىقەت !!!
كېلىڭ ، خاس روھى جۇغلانما (خاس مەدەنىيەت ) دىن ئىبارەت غايەت زور مەنىۋىي چەمبىرەك ئىچىدىن ئۆز روھىيىتىمىزنى تارىختىكى روھى جۇغلانمىمىزغا تەدبىقلاپ ، ئۆزىمىزگە سۇئال قويايلى :
زامان زامانلاردىن ئۆتۈپ بىز بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە نىمىگە ئېرىشتۇق ؟ نىمىلەرنى يوقاتتۇق ؟ بىزنى تۇتۇپ تۇرىۋاتقان ئاشۇ ئەنئەنىۋىي روھىي جۇغلانمىدا قانچىلىك ئۆزگۈرۈش ، قانداق ھاسىلات بىلەن بۈگۈنگە ئۇلاشتۇق ؟ بىزگە يەنە « توپان بالاسى »ھاجەتمۇ ياكى بىز ئۇنى قايتا تاپماقچىمۇ؟
كەلگۈسى ھەم رەھىمدىل ھەم تولىمۇ شەپقەتسىز ، ھەم بىردىن بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى . بەلكىم ئۇ ئىنسانىيەتكە جۈملىدىن بىزگىمۇ «ئوڭ كۆزى »بىلەن قاراۋاتقاندۇ ۋە ياكى تارىخنىڭ چاقلىرىدا يەنچىلىپ كۇكۇم تالقان بولۇشقا يۈزلىنىۋاتقان روھ ئىگىلىرىگە ئارقىسىنى قىلىشقا ھازىرلىنىۋاتقاندۇ …..
ھەئە ، « ھەر بىر مەھرۇملۇقتا –مۇيەسسەرلىك ، ھەر بىر مۇيەسسەرلىكتە مەھرۇملۇق. ئۇ ئەنە شۇ كۆرەشتە گوۆھەردىن ئايرىلدى » (جالالىدىن رۇمى )
شىنجاڭ مەدەنىيىتى 97- يىللىق 2-3 قوشما ساندىن ئېلىندى .



