مۈشكۈل ئەھۋالدا قالغاندا يېڭى يول تېپىپ ئىلگىرىلەڭ

مەغلۇبىيەت مەزگىلىدە رىغبەتلەندۈرۈش يۈزىسىدىن دېيىلگەن بىر ئېغىز سۆز مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىنكى بىر كىتاب بولغۇدەك مەدھىيىنى بېسىپ چۈشىدۇ. ئالىي مەكتەپتىن ئايرىلغان ئون يىلدىن بۇيان، مەن نيۇيورك شتاتى سىلچوس ئۇنىۋىرسىتېتى ئىدۋار توماس ۋىليام دىنىي جەمئىيىتىنىڭ يېڭى رەھبىرى بولۇپ قالغان ئىدىم. بۇ دىنىي جەمئىيەتنىڭ پائالىيەت سارىيى ھەشەمەتلىك سېلىنغان ئىدى. ئەمما مۇرىتلىرى يىلدىن يىلغا ئازلاپ، قەرزى كۈنسېرى كۆپىيىپ كېتىۋاتاتتى. قارىغاندا مېنىڭ قىيىن خىزمەتلەرنى ئىشلەش پېشانەمگە پۈتۈۋېتىلگەندەك قىلاتتى. ئەمما مەن بىزارلىق ھېس قىلمىدىم، مېنىڭ ئورنۇم ناھايىتى تۆۋەن ئىدى. ئەمما ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق پايدىسى بار ئىكەن، بۇ يەردە ئامال بار يۇقىرىغا ئۆرلەشتىن باشقا يول يوق. مەن تۇنجى قېتىم بۇ دىنىي جەمئىيەتتە ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندە بەكمۇ چۈشكۈن ھالەتتە ئىدىم. بۇ چاغدا مېنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان — ئۆز – ئۈزۈمگە بولغان ئىشەنچنىڭ كەملىكى يەنە باش كۆتۈرۈشكە باشلىدى. تىجارەت خاراكتېرىنى ئالغان دىنىي جەمئىيەتتە قىيىنچىلىق ھەقىقەتەن ئېغىر ئىدى. ئالدىمىزغا خۇددى بىر تاغنى دۆۋىلەپ قويغاندەك قىلاتتى. ئۇ چاغدا يەنە بىر بەخت ئىلاھى يار – يۆلەك بولدى. مۇرىتلارنىڭ ئىچىدە سىلچوس كارخانىسىدا خالو. B. ئاندىلوس ئىسىملىك بىر مەشھۇر كارخانىچى بار ئىدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇ دېسكا يۇيۇش ماشىنىسىنى ئىجاد قىلغانلارنىڭ بىرى ئىكەن، شۇنداقلا ئامېرىكىدا تۇنجى ئېچىلغان دەرىجىدىن تاشقىرى بازاردا تىجارەت قىلغۇچى ھېسابلىنىدىكەن. ئۇ فلورىدا شتاتى بىلەن كالفورنىيە شتاتىدىن كەرەپشە، مېۋە – چېۋىلەرنى يۆتكەپ، سيېلىنا كوچىسىدىكى دۇكانلارنى تولدۇرۇۋېتەتتى. ئۇ ناھايىتى ئىخلاسمەن مۇخلىس بولۇپ، سىلچوس ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ئىدى. ئۇ سىلچوس بويىچە ئەڭ يۈگۈرۈك ئاتلارنى ئىشلىتەتتى، بۇ ئاتلار تومۇزدا جىموس كوچىلىرىدا، قارا قىشتا ئەينەكتەك مۇز تۇتقان ئوۋنوڭداگا كۆلى بويلىرىدا تىنىم تاپماي قاتىرايتتى. يەرلىك بانكىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى ئاندروسنى شەھەر بويىچە سودا – تىجارەت ئىشلىرىغا ئەڭ ماھىر كىشى، ئۇ قولىنى بىرلا شىلتىسىلا دوللار دېگەن خۇددى بۇلاق سۈيىدەك ئېتىلىپ چىقىدۇ، دەپ قارايتتى. مەن ئۇنىڭغا تولىمۇ قىزىقاتتىم. ئەگەر مۇمكىن بولسا ئۇنىڭ تۇغما تالانتىنى ئوغرىلىۋالسام نېمە بولار دەپ ئويلايتتىم. شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن ئالاقە باغلىدىم، ئەپسۇسلىنارلىقى ئۇنىڭدىن ھېچنىمىگە ئېرىشەلمىدىم. بىر كۈنى، بۇ ئىخلاسمەن زېرەك كىشىنى تېپىپ، ئۇنىڭغا ئۆز مەسىلىلىرىمنى مەسلىھەت سالدىم. مەن دىنىي جەمئىيەتتىكى باشتىن كەچۈرگەن قىيىنچىلىقلىرىمنى ئۇنىڭغا تەپسىلىي سۆزلەپ بەردىم، ئۇ: — بارلىق باش قېتىنچىلىقىڭىز مۇشۇمۇ؟- دېدى. مەن بېشىمنى لىڭشىتىپ ھە دېدىم، ئۇ قولى بىلەن ئىشارە قىلىپ: — پاھ، مەسىلىلەر تاغدەك يىغىلىپ كېتىپتۇ! ئۇنداق بولسا بۇلارنى بىر باشتىن سىناق قىلغاچ بىر تەرەپ قىلايلى!- دېدى. ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى قىياپىتى خۇددى ھېلىقى دۆۋلىنىپ كەتكەن تاغنى بىر چېتىدىن كولاۋاتقانغا ئوخشاپ قالغان ئىدى. مەن ئۇنىڭ قاۋۇل كەلگەن كۆرسەتكۈچ بارمىقىغا قاراپلا قالدىم. ئۇنىڭ بۇ كۆرسەتكۈچ بارمىقى شامال دارىپ ئېگىلمەيدىغان بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما كۆرسەتمەكچى بولغان نەرسىلەرنى يەنىلا ناھايىتى توغرا كۆرسىتەتتى. ئۇ ئەستايىدىل تۈردە: — ھەرقانداق مەسىلىنىڭ ئاسانلا قول سېلىپ ئىشلەيدىغان تەرەپلىرى بولىدۇ. بۇ مەن نۇرغۇن يىللىق تەجرىبىلەردە ئىگە بولغان ئەقىل – پاراسەت، يالغان دېسىڭىز سىناق قىلىپ باقسىڭىز بولىدۇ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقالىسىڭىزلا، ھەرقانچە قىيىن، مۇرەككەپ بولغان تەقدىردىمۇ ھەل قىلىپ كەتكىلى بولىدۇ،- دېدى. ئاندىن ئۇ يەنە نېمىلەرنىدۇر سۆزلىگەچ، تاغدەك دۆۋلىنىپ كەتكەن مەسىلىلەردىن ئايلىنىپ ئۆتكەن قىياپەتتە: — ھە تاپتىم، مانا بۇ يەر ئاسان قول تىققىلى بولىدىغان جاي ئىكەن،- دېدى ئۇ كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ھېلىقى جاينى كۆرستىىپ،— مانا بۇ يەردىن قول تىقىپ ئىشلەيلى، بۇ سىزنى قېيىنچىلىققا چۈشۈرۈپ قويغان يەر، بۇ يەردىكى قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ بولۇپ، كېيىنكى قەدەمگە ئۆتىمىز، بۇنىڭغا قەتئىي ئىشەنچ بولۇش كېرەك. بۇنىڭغا تەلتۆكۈس ئىشىنىش، قىزغىنلىق بىلەن تىلاۋەت قىلىش، كۈچلۈك ئېتىقاد بولۇش كېرەك. بىرىنچىدىن، ياخشى لايىھە بولغاندىلا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىلاھتىن مەدەت تىلەڭ، سىز مۇشۇنداق سالاھىيەتكە ئىگىسىز. مەن ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتىم، ئۇ يەنىلا ھېلىقى ئېگىلمەيدىغان كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ماڭا ئىشارە قىلىپ مۇنداق دېدى: — ئىلاھقا قەسەمياد قىلىڭ، ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ. كىشىدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىر قالدۇرىدىغان بۇ شەخس ئۆزگىچە ئىپادىلەش شەكلى بىلەن ماڭا تەربىيە بېرىپ، ئاكتىپ تەپەككۇر قىلىدىغان كىشى چوقۇم ئىنتايىن ياخشى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ، دېدى.

http://www.bilqut.com/kutupxana/show.php?itemid=1808

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار:

دۇنيادىن يىراق
دەپتەر ھاشىيىسىدىكى پۈتۈكلەر (تاللانمىلار)
ھاتەمنىڭ نەسىھىتى ھەققىدە
«تەنتاۋى جەۋھەرلىرى» تاللانمىلار
ئۆزلەت-ئۆزۈڭنى تونۇ!
ئۆتكەن ئىش كەتكەن ئىش (ھېكايە)
دەس تۇرىمەن
نەۋائىيدىكى ئەقلىي ۋە مەنتىقىلىق تەپەككۈر
غۇرۇر ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەت
جىبران ھېكمەتلىرى
توققۇز خىل ياخشى تۇرمۇش ئادىتى
ئەقىلگە تايىنىڭ ، ھېسسىياتقا بېرىلمەڭ
ھالاللىق ھەققىدە ئويلار
لوقمان ھېكىمنىڭ ئوغلىغا قىلغان نەسىھەتلىرى
ئويلىنىش
سالىھلار ھاياتىدىن دۇردانىلەر
چىن مۇھەببەت مەڭگۈ بەربات بولمايدۇ
يۈكسەك ئىرادە
مىللىي مائارىپ ۋە نەزەرىيەۋى تەپەككۇر
كوچىدا ئاڭلىغان ئۈچ دەرىس
كىشلىك ھايات كۈرەش دېمەكتۇر
كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ
مۇۋاپپەقىيەتنىڭ 17 تۈرلۈك پىرىنسىپى
ھېكمەت دوردانىلىرى
كۈنىگە بىر ئەقىل (لېۋ تولىستوي)
ئابدۇقادىر داموللا ھېكمەتلىرىدىن تاللانمىلار
ئەخلاقنىڭ جۇلاسى ۋە نىداسى
موسكۋا خىياللىرى
روھىي جەھەتتە ساغلام كىشى بولۇڭ
ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ