قۇرئان كەرىم ۋە قۇرئان ئوقۇش

(ئا. قاراقاش)

«قۇرئاننى ھەقىقەتەن بىز نازىل قىلدۇق ۋە چوقۇم ئۇنى قوغدايمىز».
«بىز ھەقىقەتەن قۇرئاننى ۋەز-نەسىھەت ئېلىنىشى ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق، ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟»

قۇرئان كەرىم، ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھ تەرىپىدىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان ئەڭ ئاخىرقى ئىلاھىي كىتاپتۇر. ئۇ، توغرا يولنى كۆرسەتكەن ھىدايەت مەنبىئىدۇر. قۇرئان كەرىم، ئىنساننىڭ سۆزى بولماستىن، ئاللاھنىڭ كالامىدۇر. ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان پېتى مۇھاپىزەت قىلىنغان، بىر ھەرپىمۇ ئۆزگەرمىگەن ۋە ئەسلا ئۆزگەرمەيدىغان بىر كىتاپتۇر. قۇرئان كەرىم، ئىنسانىيەتنى شېرىك ۋە كۈپرىنىڭ پاتقىقىدىن قۇتۇلدۇرۇپ تەۋھىد ئەقىدىسىگە ئىگە قىلىشنى ئاساسى نىشان قىلغان بىر كىتاپتۇر.
قۇرئان كەرىم، زۇلۇمنىڭ ئورنىغا ئادالەتنى، پىتنە-پاساتنىڭ ئورنىغا ھۇزۇر-ھالاۋەتنى ئېلىپ كېلىدىغان پرىنسىپلارنى ئېلىپ كەلگەن بىر كىتاپ بولۇپ، ئاخىرى كەلمەيدىغان ئاداۋەتنى يوق قىلىپ؛ پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ، جۈملىدىن مۈمىنلەرنىڭ قېرىنداش ئىكەنلىكىنى جاكارلايدۇ.
ئاياللارغا ئىنسان مۇئامىلىسى قىلمايدىغان، ھەتتا ئۇنىڭغا ياشاش ھوقۇقى بەرمەيۋاتقان، قىز بالىسى بولۇپ قالسا تىرىك ھالدا تۇپراققا كۆمۈۋېتىلىۋاتقان بىر جەمىيەتتە، ئۇنىڭغا ئۆزىگە لايىق قىممەتنى ئاتا قىلغان كىتاپ يەنە قۇرئان كەرىمدۇر. پېقىرنىڭ، مىسكىننىڭ، ۋە يېتىمنىڭ ھەق-ھۇقۇقلىرىنى مۇداپىئە قىلىپ، قول-ئىلكىدە بار كىشىلەرگە بۇ ھەقتە مەسئۇلىيەتلەرنى يۈكلىگەن كىتاپ يەنە قۇرئان كەرىمدۇر.
قۇرئان كەرىم، مەخپى ياكى ئاشكارا پۈتۈن سۆز-ھەرىكەتلىرىمىزنىڭ ئەمەل دەفتىرىگە خاتىرلىنىپ تۇرىدىغانلىقىنى، ساۋاپ ۋە گۇناھلىرىمىزخاتىرىلەنگەن بۇ دەفتەرنىڭ قىيامەت كۈنى ئالدىمىزغا قويۇلىدىغانلىقىنى، ھېچ نەرسىنىڭ مەخپى قالمايدىغانلىقىنى، بېرىلگەن نېمەتلەرنىڭ، بىر كۈن ھېسابى سورىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتىدۇر. يەنە بۇ كىتاپ، ناھەقچىلىك قىلغانلارغا، قۇرئان كەرىمگە ۋە قۇرئان كەرىم ئۇنىڭغا نازىل بولغان پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تىل ئۇزاتقان، ئىنسانلارغا ۋە باشقا جانلىقلارغا زۇلۇم قىلغانلارغا ئاللاھنىڭ ئازابىنىڭ قاتتىق بولىدىغانلىقىنى خەۋەر بەرمەكتىدۇر.
قۇرئان كەرىم، بىر تەرەپتىن مۇئىمىنلەرگە خۇشخەۋەر بېرىپ، جەننەتنى چۈشەندۈرسە ۋە ئىنسانلارنى ئۇنىڭغا چاقىرىپ تەشۋىق قىلسا؛ يەنە بىر تەرەپتىن دۇزاخنى تۇنۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ساقلىنىشىمىز ئۈچۈن دۇزاخقا ئېلىپ بارىدىغان يوللار ۋە قىلىقلارنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
قۇرئان كەرىم يەنە، ئاللاھنىڭ بىرلا ئىلاھ ئىكەنلىكىنى؛ ئۇنىڭ شەنىگە ياراشمايدىغان سۈپەت ۋە سۈپلەشلەردىن يىراق ۋە پاك ئىكەنلىكىنى، ئۇنى ئاتىلىق ۋە بالىلىققا ئوخشاش ئىنسانلارغا خاس سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەشكە ئەسلا بولمايدىغانلىقىنى، بۇنداق چۈشەنچە ۋە ئەقىدىنىڭ ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرگەنلىك بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتىدۇر. مەسىلەن بىر يەردە مۇندا دېيىلمەكتە:
«يەھۇدىيلار:«ئۈزەير اﷲ نىڭ ئوغلىدۇر» دېدى، ناسارالار:«مەسىھ-ئىسا اﷲ نىڭ ئوغلىدۇر» دېدى، بۇ، ئۇلارنىڭ ئاغزىدىكى سۆزىدۇر، بۇ، ئىلگىرىكى كاپىرلارنىڭ سۆزلىرىگە ئوخشايدۇ. اﷲ ئۇلارغا لەنەت قىلسۇنكى، ئۇلار قانداقمۇ اﷲ غا يالغان چاپلايدۇ».
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھىبرىلىرىنى، راھىبلىرىنى ۋە مەريەم ئوغلى مەسىھنى مەبۇد قىلىۋالدى. ھالبۇكى ئۇلار پەقەت بىر ئىلاھقا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلغان ئىدى. اﷲ دىن باشقا ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، اﷲ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەنلىكلىرىدىن پاكتۇر» (تەۋبە سۈرىسى 9، 30-31-ئايەتلەر)
يەنە قۇرئان كەرىم بىزگە، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاللاھتىن ۋەھىي ئالغان ئىنسانلار ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئىلاھ ئەمەسلىكىنى، باشقا ئىنسانلارغا ئوخشاش بىرەر ئىنسان ئىكەنلىكىنى، ئىبادەتنىڭ پەقەتلا ئاللاھقا قىلىنىدىغانلىقىنى، پەيغەمبەرلىكنىڭ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن ئاخىرلاشقانلىقىنى، ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەر كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئىخلاس سۈرىسىدە ئاللاھ تەئەلا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلى ئارقىلىق مۇنداق دەيدۇ:
«(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، ئۇ- اﷲ بىردۇر. ھەممە اﷲ غا موھتاجدۇر. اﷲ بالا تاپقانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەس. ھېچ كىشى ئۇنىڭغا تەڭداش بولالمايدۇ» (ئىخلاس سۈرىسى)
مۇقەددەس قۇرئان كەرىمدىن خەلقىمىزنى، جۈملىدىن ياش-ئۆسمۈرلىرىمىزنى سوغۇتۇش ۋە يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ۋە بېرىلىۋاتقان ھەرىكەتلەرگە قارشى پەخەس بولۇشىمىز ۋە خەلقىمىزنىڭ قۇرئان كەرىم بىلەن بولغان رىشتىسىنى ئۈزىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن ئاۋۋال ئۆزىمىزنىڭ قۇرئان كەرىمنى داۋاملىق ئوقۇشىمىز ۋە ئوقۇغاندىمۇ خەتمە قىلىپ ساۋاپ تېپىش نىيىتى بىلەن ئەمەس، ئىگىرىمىز ۋە ياراتقۇچىمىز ئاللاھنىڭ ئۇنىڭدا بىزگە نېمە دەۋاتقانلىقىنى، قانداق يوليۇرۇقلارنى بەرگەنلىكىنى چۈشىنىپ شۇنىڭغا ئاساسەن ھايات كەچۈرۈشكە تىرىشىش نىيىتى بىلەن ئوقۇشىمىز ۋە ئاتا-ئانا، قەۋم-قېرىنداش، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىل، دوست-يارەنلىرىمىزدىن باشلاپ ئەتراپىمىزدىكىلەرگىمۇ داۋاملىق قۇرئان كەرىمنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلىشىمىز ئىنتايىن مۇھىم ۋە مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتىمىزدۇر.
قېرىنداشلار! بولۇپمۇ ياش-ئۆسمۈرلەر ۋە ئوقۇغۇچىلار!
مۇشۇ يازلىق تەتىل پۇرستىدىن پايدىلىنىپ قۇرئان كەرىمنى ئوقۇشنى بىلمىگەنلەر ئۆگىنەيلى، بىلگەنلەر ئۇنى چۈشىنىش ئۈچۈن قولىمىزغا ئېلىپ، ئىگىمىز ۋە پەرۋىشچىمىز ئاللاھنىڭ قۇرئان كەرىمدە بىزلەرگە قانداق يوقيۇرۇقلارنى قىلغانلىقىنى ئۆگىنىشكە، بىلگەنلىرىمىز بولسا ئۆگىتىشكە قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشايلى، ۋاقىت ئاجرىتايلى!
پۈتۈن مەكتەپ ۋە مەدرىسە ھاياتىدا ئالىم-ئۆلىمالىرىمىز يېزىپ قالدۇرغان كىتاپلارنى ئوقۇپ «موللا» بولغان قېرىنداشلىرىمىزمۇ، مەزكۇر كىتاپلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھۆكۈملەرنىڭ قۇرئان كەرىم بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە قانچىلىك ماس كېلىدىغانلىقىنى بىر سېلىشتۇرۇپ كۆرسۈن! قۇرئان بىلەن سۈننەتكە ماس كېلىدىغانلىرىنى ئېلىپ، ماس كەلمەيدىغانلىرىنى تاشلىۋېتىشنىڭ، شۇ ئىمام ۋە پىشىۋالارنىڭ چۈشەنچىسىگە ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى، دەپ ئەقىلنى ئىشقا سالماستىن، قۇرئانغا ماسلىشىپ ماسلاشمايدىغانلىقىغا قاراپ باقماستىن، «ئۇلار نېمە دېگەن بولسا، توغرا» دەپ ئېتىقاد قىلىشنىڭ تەقلىدچىلىك بولىدىغانلىقىنى، تەقلىدچىلىكنىڭ ئۆزىنى «موللا» ۋە «ئالىم» چاغلىغان كىشىلەرگە ياراشمايدىغانلىقىنى، تېخىمۇ مۇھىمى بۇنىڭ قۇرئان كەرىمدىكى توغرا-خاتالىقى ھەققىدە ئويلىنىپ باقماستىن «ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يوللىرىغا ئەگەشكەنلەر» قاتارىغا قالىدىغانلىقىنى ئويلاپ قويسۇن ۋە بەرمەكچى بولغان ھۆكۈملىرىنىمۇ قۇرئان كەرىمگە تەڭلەپ بېقىپ بېرىشنى ئۆگىنىۋالسۇن!
پىشىۋالار مۇشۇنداق ھەرىكەت قىلىپ، پۈتۈن خەلق قۇرئان كەرىمنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئوقۇسا، نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ ئۆزلىكىدىن تۈزىلىپ كەتكەنلىكىنى ئۆز كۆزلىرىمىز بىلەن كۆرىمىز.
ئاللاھ پۈتۈن مۇسۇلمانلارغا، جۈملىدىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا بىر ھالەتتە قۇرئان كەرىمنى قولغا ئېلىپ چۈشىنىش ئۈچۈن ئوقۇش روھىنى بەرسۇن ۋە قۇرئان كەرىم بىزنىڭ ھاياتىمىزنىمۇ ساھابىلەرنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتكەندەك ئۆزگەرتكىلى نېسىپ قىلسۇن. ئامىين!!!

مەنبە: ئۇيغۇر ئىسلام تورى

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار: