ئەجداتلىرىمىزنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرى، ياشاش ئۇسۇلى، ئىنسانلارغا ۋە ئىنسانلىققا بولغان چەكسىز سەمىمىيىتى، ئەخلاق پەزىلەتلىرى، ھايات كەچمىشلىرى، قىسقىسى بىزنىڭ بىز بولۇشىمىزغا كاپالەتلىق قىلىپ كېلىۋاتقان بارلىقلىرىمىزدىن شۇنى كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى بىز ئۇيغۇرلار ئىلىم ۋە ئىلىم ئەھلىگە ھۆرمىتىمىزنى ئايىمايدىغان، ئىلىم ئەھلىگە بولغان ئىخلاسىمىز، ئىلىم ئېلىش ئىخلاسىمىزدىن قىلىشمايدىغان، پەرزەنتلىرىمىزگە چىن كۆڭلىمىزدىن كۆيۈنىدىغان ئەمما تەربىيىلەشكە يېتەرلىك دەرىجىدە ۋاقىت ئاجرىتىپ بولالمايۋاتقان، كىتاپ ئوقۇش ئارزۇيىمىز بولسىمۇ لىكىن ئوقۇش ئىشىنى يېتەرلىك دەرىجىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولالمايۋاتقان، گەرچە كىتاپنى كۆپ ئوقۇيدىغانلارنى «كىتاپ خالتىسى» دەپ قويساقمۇ لېكىن چىن دىلىمىزدىن بۇ «كىتاپ خالتىلىرى» نى ھۆرمەتلەيدىغان، قايىل بولىدىغان ۋە ئۇلاردىن پېتىمىزدىن چۈشمەي تۇرۇپ مەسلىھەت سورىيالايدىغان، …، ئەمما قول تېقىپ ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىش مەسىلىسدە بىر ئاز بوشاڭلىق قىلىپ قالىدىغان، سەل قارايدىغان، …، قىسىقىسى ئىنسانلىقتا بار بولغان پۈتۈن خىسلەت ۋە ئىللەتلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تېپىلىدىغان بىر مىللەتمىز.
مەۋجۇتلىقىمىزمۇ، مەغلۇبىيىتمىزمۇ ھەر بىرىمىزنىڭ بىر ئىنسان ۋە شۇنداقلا بۇ خىسلەتلىك مىللەتنىڭ بىر ئەزاسى سۈپىتىدە ئۆزىمىزنى ئىلىم-مەرىپەت بىلەن قانچىلىك دەرىجىدە يېتىشتۈرۈشىمىزگە، ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن قانچىلىك دەرىجىدە ئەمەلىي ھەرىكەت قىلالىشىمىزغا باغلىق. تىلغا ئېلىنىۋاتقان بۇ ئەمەلىي ھەرىكەتنىڭ بىرىنچى قەدىمى يەنىلا بىلىملەرنىڭ مۇجەسسىمى بولغان كىتاپتىن قانداق پايدىلىنىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. دۇنيادا ئۇ قەدەر كۆپ كىتاپ بولغان بۈگۈنكىدەك شارائىتتا، قايسى كىتابنى نىمە مەقسەتتە تاللاپ قانداق پايدىلىنىش مەسىلىسى تېخىمۇ مۇھىم. بىر كىتابنى ئوقۇغان ئىكەن، ئۇ كىتاپنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى ئۆزىمىزنىڭ بىر پارچىسىدەك خاتىرىمىزگە يەرلەشكەندە، ئىنسانىي كامالەتكە قاراپ يۈرىۋاتقان يولىمىزنىڭ ئۇلتىشىنى مۇستەھكەملەشكە ھەسسىسىنى قوشالىغۇدەك دەرىجىدە ھىس قىلىنغاندا، ئوقىغان كىتابىمىز توغرىسدا كەڭ كۈشادە پىكىر قىلالىغۇدەك دەرىجىدە قۇبۇل قىلالىغاندا ئاندىن ئۇ كىتابنى ھەقىقىي ئوقۇغان ھېسابلىنىمىز ۋە ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. مىللەتنىڭ بىر پارچىسى بولغان ھەر بىرىمىز، ئۆزىمىنىڭ كىتابقا بولغان تونۇشىمىزنى بۇ شەكىلدە يېتىلدۈرۈشكە تېرىشساق ۋە كۈندۈلۈك ئەمەلىيىتىمىزگە ئايلاندۇرالىساق، مەسىلىنىڭ بىزگە تەۋە قىسمى ئاستا-ئاستا ھەل بولۇشقا يۈزلىنىشى مۇمكىن.
دەل مۇشۇنداق بىر غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەقسىتىدە، مەرىپەت تورى تەرىپىدىن «مەرىپەت لوڭقىسى كىتاپ ئوقۇش خاتىرىسى يېزىش مۇكاپاتلىق پائالىيىتى» ئېلىپ بېرىش پلانلاندى. ئەگەر ئىمكانىيەت يار بەرسە، بۇ پائالىيەت ئايدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدۇ.
بۇ پائالىيەتنىڭ تەپسلاتى تۆۋەندىكىچە:
1. بۇ قېتىمقىسى «مەرىپەت لوڭقىسى كىتاپ ئوقۇش خاتىرىسى يېزىش مۇكاپاتلىق پائالىيىتى» نىڭ بىرىنچى قېتىملىق مۇسابىقىسى ھىسابلىنىدۇ. تەييارلىق خىزمەتلىرى 2010-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ جەرياندا مۇسابىقىدە ئوقۇلىدىغان كىتاپلار تاللىنىدۇ.
2. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئوقۇلىدىغان كىتاپلارنىڭ تىزىملىكى 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 1- كۈنى تورىمىزدا ئېلان قىلىنىدۇ. تىزىملىك ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە يېزىلغان كىتاپ ئوقۇش خاتىرىلىرى توپلىنىپ مەرىپەت تورىنىڭ بۇ پائالىيەت ئۈچۈن ئېچىلغان مەخسۇس سەھىپىسدە ئېلان قىلىش باشلىنىدۇ.
3. 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە بۇ ئەسەرلەر باھالىنىدۇ. ئەسەرلەرنى باھالاشتا، تورداشلارنىڭ ئەسەرلەر ھەققىدىكى ئىنكاسلىرى، باھالىرى ۋە بۇ پائالىيەت ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغان پىشقەدەم يازغۇچىلار ۋە زىيالىلاردىن تەركىپ تاپقان باھالاش ھەيئىتىنىڭ باھالىرى ئاساس قىلىنىدۇ. 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى مۇسابىقە نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدۇ.
4. بۇ قېتىمقى «مەرىپەت لوڭقىسى كىتاپ ئوقۇش خاتىرىسى يېزىش مۇكاپاتلىق پائالىيىتى» نىڭ بىرىنچى قېتىملىق مۇسابىقىسىدە بىرىنچى بولغان بىر ئەسەرگە 2000 يۇەن، ئىككىنچى بولغان ئىككى ئەسەرنىڭ ھەر بىرىگە 1000 يۇەن، ئۈچىنچى بولغان ئۈچ ئەسەرنىڭ ھەر بىرىگە 500 يۇەندىن نەق پۇل مۇكاپاتى بېرىلىدۇ ۋە «مەرىپەت لوڭقىسى كىتاپ ئوقۇش خاتىرىسى يېزىش مۇكاپاتلىق پائالىيىتى» 1-قېتىملىق مۇسابىقىسىدىكى نادىر ئەسەرلەر توپلىمى كىتابى ھەدىيە قىلىنىدۇ.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە ئوقۇلىدىغان كىتاپلار ۋە يېزىلىدىغان ئەسەرلەرگە قويۇلىدىغان تەلەپلەر:
1. بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە ئوقۇلىدىغان كىتاپلار چوقۇم قانۇنلىق نەشىرىيات ئورگانلىرى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان بولۇشى كېرەك. مەزمۇن جەھەتتىن ئىلمىي ۋە ئەمەلىي مەنبەلەرگە تايانغان، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى، ئىلىم-مەرىپەت، پەرزەنت تەربىيىسى، دىن، ئەدەپ-ئەخلاق، پەن-تېخنىكا ۋە ئىنسانىي تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلەرگە مۇناسىۋەتلىك كىتابلار، تارىخى رومانلار، بالىلار ئۈچۈن ئىلمىي فانتازىيىلىك رومان ياكى ھېكايىلەر توپلىمى، چۆچەك-مەسەللەر ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
2. مەزمۇن جەھەتتىن ساغلام بولمىغان چېكىدىن ئاشۇرىۋىتىلگەن، بىتەرەپ بولمىغان، پائالىيىتىمىزنىڭ ساغلام ئېلىپ بېرىلىشى ۋە تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولىدىغان ھەرخىل مەزمۇندىكى ھەرقانداق كىتاپ ياكى ئەسەرلەر بىردەك رەت قىلىنىدۇ.پائالىيەتكە قاتنىشىشنى خالىغان ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر بۇ پائالىيەتكە قاتنىشالايدۇ، ياش چەكلىمىسى ۋە جىنىس ئايرىمىسى يوق.
3. سىز ئوقۇماقچى بولغان ياكى ئوقۇغان كىتاپ قايسى تىلدا بولسا بولىۋىرىدۇ، ئەمما يازىدىغان ئەسىرىڭىز چوقۇم ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى يېزىقىدا يېزىلغان بولۇشى شەرت. ئەگەر يازغان ئەسىرىڭىز لاتىن ھەرپلىرى بىلەن يېزىلغان بولسا ئۇنى ئۇيغۇرچە تەھرىرلەش قورالى (Uyghur Edit) ياكى يۇلغۇن تەھرىرلەش قورالى بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىغا ئايلاندۇرۇپ، ئىملالىرىنى تۈزۈتۈپ يوللىغايسىز. ئىملا خاتالىقى ئەسىرىڭىزنىڭ نەتىجىگە ئېرىشىشىگە ئالاھىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ سەۋەپتىن ئىملانىڭ توغرا بولۇشىغا ئالاھىدە دىققەت قىلغايسىز.
4. كىتاپ ئوقۇغۇچىلار بىز ئېلان قىلغان كىتاپ تىزىملىكىدىن تاللاپ ئوقۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئەگەر بىز تەۋسىيە قىلغان كىتاپ تىزىملىكىدە يوق ئەمما ئۇ كىتابنى ئوقۇغۇچى بەك ياخشى كۆرگەن كىتاپ بولسا، ۋە يۇقىرىدىكى تەۋسىيىلىرىمىزگە ماس كەلسە ئۇ كىتاپ توغرىلىق يازسىمۇ بولىۋىرىدۇ.
5. سىز بۇرۇن ئوقۇغان ۋە مەزمۇن جەھەتتىن كۆپچىلىككە پايدىلىق دەپ قارىغان كىتاپ توغرىلىق يازسىڭىزمۇ بولىۋىرىدۇ. ئەمما يۇقىرىدىكى تەۋسىيىلىرىمىزگە ماس بولغان ياكى بىز ئېلان قىلغان تىزىملىكتە بار بولغان كىتاپ بولۇشى كېرەك.
6. كىتاپ ئوقۇش خاتىرىڭىز سىزنىڭ بىر ئىلمىي ئەسىرىڭىزدۇر، بۇ سەۋەپتىن، كىتاپتىن نەقىل كەلتۈرۈلگەن سۆز، جۈملە ياكى ئابزاسلارنى چوقۇم ئۇ كىتابنىڭ قايسى بېتىدىن ئالغانلىقىڭىزنى ئەسكەرتىڭ. ئەگەر ئەسىرىڭىزدە باشقا كىتاپلاردىن ئېلىنغان نەقىللەر بولسا، ئېلىنغان نەقىلدىن كېيىن ئاپتۇر، ئەسەر نەشىر قىلىنغان يىل ۋە بەت نومىرىنى يېزىش بىلەن بىرگە، ئەسەرنىڭ ئاخىرىسدا چوقۇم پايدىلىنىلغان ئەسەرلەر مەنبەسى كۆرسىتىلىشى كېرەك.
باھالاشتا ئاساس قىلىنىدىغان ئۆلچەملەر:
1. ئوقۇلىدىغان كىتاب توغرا تاللانغانمۇ؟ بىزنىڭ تەلەپ ۋە تەۋسىيىلىرىمىزگە ماس كېلەمدۇ؟
2. ئەسەردە تىلغا ئېلىنغان زامان، ماكان ۋە تەھلىللىرىڭىز چۈشىنىشلىكمۇ؟
3. مەلۇماتلار، مەنبەلەر يېتەرلىكمۇ؟ تەھلىل قىلىش ئۇسۇلىڭىز تەھلىل قىلىنىۋاتقان مەزمۇن ياكى تېمىلارغا ئۇيغۇنمۇ؟ ئۆزىڭىزنىڭ مۇستەقىل تەھلىل ۋە تالاش-تارتىشىڭىزمۇ؟
4. بايقىغانلىرىڭىز ۋە تەھلىل نەتىجىلىرىڭىزنى قوبۇل قىلغىلى بولامدۇ، ئىشەنچىلىكمۇ؟
5. يازغان ئەسىرىڭىزنىڭ تىلى راۋان، ئىملاسى توغرا، تەھلىل، تالاش تارتىشلار سەمىمىي ۋە ئەستاھىدىلمۇ؟ خۇلاسە قىسمى ئاز ۋە ساز، يېتەرلىكمۇ؟
«مەرىپەت لوڭقىسى كىتاپ ئوقۇش خاتىرىسى يېزىش مۇكاپاتلىق پائالىيىتى» نىڭ بىرىنچى قېتىملىق مۇسابىقىسىدە ئوقۇلىدىغان كىتاپلارنى سىز تەۋسىيە قىلىڭ، سىز ئوقۇڭ، سىز يېزىڭ ۋە مۇكاپاتقا سىز ئېرىشىڭ. بۇنى قىلالىشىڭىز ئۈچۈن سىزنىڭ يازغۇچى ياكى ئالىي مەلۇماتلىق بولۇشىڭىز تەلەپ قىلىنمايدۇ. جۈرئەت بىلەن تۈنجى قەدىمىڭىزنى ئۆزىڭىز ئەڭ ياقتۇرىدىغان كىتاپنى بىزگە تەۋسىيە قىلىشتىن باشلاڭ! كىتاپ تەۋسىيىڭىزنى بۇ يەرنى بېسىپ ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرۇپ قويۇڭ!



كىتاب ئوقۇش خاتىرسىنى تورغا يازامدۇق ياكى قەغەزگە يېزىپ ئېۋەتىپ بىرەمدۇق؟
ئەسسالام كۆك،
كىتاپ ئوقۇش خاتىرىسىنىڭ قانداق يېزىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى تەلەپلەر 8-ئاينىڭ 5-كۈنى تەپسىلى ئۇچۇرلار بىلەن مەرىپەت تورىدا ئېلان قىلىنىدۇ. قەغەزگە يېزىشنىڭ كېرىكى يوق، پەقەت ئېلخەت ياكى تورىمىزغا تېما يوللاش شەكلى بىلەن ئەۋەتسىڭىز بولىدۇ.
ھۆرمەت بىلەن مەرىپەت تورى