قەدىمكى تۇرلار : قەدىمكى زاماندىكى ھەربى ئەسلىھە . ھەر قايسى تارىخىي دەۋرلەردىكى سۇلالىلەر چېگرا مۇداپىئە ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بېرىپ ، مۇھىم قاتناش لىنىيىلىرىنىڭ بويلىرىغا نۇرغۇن تۇرلارنى ياسىغان بولۇپ ، بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ قارلغان تۇرلار ئىزلىرتى ئاز ئەمەس . (1) خەن سۇلالىسى دەۋرى .خەن سۇلالىسى دەۋرىدە سەددىچىن سېپىلى سۇلې دەرياسىغىچە ئىدى ؛ئۇنىڭ غەربىگە سېپىل ياسالماي ‹‹ھەمىشە شىپاڭ سېلىنغان ››بولۇپ ، ئۇلار ئەمەلىيەتتە تۇر ئىدى . ئۇلار جۇغراپىيىلىك يەر تۈزۈلۈشىگە لايىقلاشقان بولۇپ ، سەددىچىن سېپىلى بىلەن ئۆز ئارا ماسلاشقان ۋە ئۆز ئارا تۇتاشقانىدى . كىرورەن قەدىمكى شەھىرىنىڭ سەل غەربىي شىمالىدىكى قۇرۇق تاغنىڭ جەنۇبىغىچە ، كۆنچى دەرياسى ۋادىسىنى بويلاپ غەربكە سوزۇلغان جايلاردا ھازىر يەنىلا خەن سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋە بىر قاتار بىر قاتار تۇرلارنى كۆرگىلى بولىدۇ . ئۇلار : تۇنجى تۇر ، ياقا تۇر ، كالتە تۇر، سىنىر تۇر ، تۆشۈك تۇر ، كۈنپېتىش تۆشۈك تۇر ، شالۋاق تۇر ، ساچقاي تۇر ، شىڭدى تاغ ئېغىزىدىكى تۇرلاردىن ئىبارەت ؛ تېخىمۇ غەرب تەرەپتىكى بۈگۈر ناھىيىسى تەۋەسىدىمۇ تۇرلار بار بولۇپ ، قارايار ، لايسۇ قاتارلىق تۇرلار بىر – بىرىگە تۇتاشقان . تۇرلار پۈتۈنلەي يەر تۈزۈلۈشى ئېگىزرەك ئورۇنغا جايلاشقان بولۇپ ، قالدۇق ئېگىزلىكى ئون مېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ . بىناكارلىق تېخنىكسىدىن قارىغاندا تۇپا بىلەن قومۇش ۋە يۇلغۇن شېخىدىن ياسالغان . جۇغراپىيىلىك يەر تۈزۈلۈشىدە پەرق بولغاچقا ، تۇرلار ئارىسىدىكى ئارلىقمۇ ئوخشاش ئەمەس ، سەل يىراق بولغانلىرىنىڭ ئارىلىقى ئون كىلومېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ. (2) تاڭ سۇلالىسى دەۋرى . سازىر ساقلىنىپ قالغان تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تۇرلار تۇرپاننىڭ تۆت ئەتراپىدا ، مەسلەن ، لەمجىننىڭ غەربىي شىمالىدىكى چۆللۈكتە ، يارغول قەدىمكى شەھىرىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدا ، داخەنگۇدا ، ئۈرۈمچىدىكى تۈز كۆلنىڭ شىمالىي قىرغىقىدا ، يەنە كۇچا بىلەن مارالبېشى ئارىسىدىكى يايدى تىم ، ئاقچىن ، دۇۋاي تىم ، چوڭ تىم ، يۇمىلاق تىم ، كىچىك تىم ، ۋە زېتىم قاتارلىق تۇرلارنىڭ ھەممىسى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋە تۇرلار ھېسابلىنىدۇ . تۇر بىناكارلىقىدىكى ماتېرىياللار ئاساسەن كېسەك بىلەن يۇلغۇن شېخىدىن ئىبارەت. (3) چىڭ سۇلالىسى دەۋرى . بار كۆلدىن سانجى ، ماناسقىچە بولغان ئارلىقتىكى تۇرلارنىڭ ساقلىنىشى بىر قەدەر ياخشى . بار كۆلدىن غەربكە قاراپ مېڭىپ ، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىنى بويلاپ ، مورى ، گۇچۇڭ ، جىمسار ، فۇكاڭ ناھىيىلىرى تەۋەسىگە بارىدىغان يول بويلىرىدا دۆڭلەر كەينى كەينىدىن ئۇچرايدۇ . سانجىدىن شىمالغا بۇرۇلۇپ ، قۇتۇبى ، ماناس ناھىيىلىرى تەۋەسىگە كىرگىچىمۇ مۇشۇنداق ئىزلارنى كۆرگىلى بولىدۇ ، ئۇلار بار كۆلدىن چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئىلى جياڭجۈنى تۇرۇشلۇق چايغىچە بولغان قاتناش ۋە ئالاقىلىشىش ئەھۋالىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ . تۇرلارنىڭ قالدۇق ئېگىزلىكى ئون مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ ، ئۇزۇنسىغا كەسمە يۈزى تراپىتىسىيە شەكلىدە ،خاڭداپ ياسالغان ، خاڭدالغان قەۋەتلەر ئارىسىغا كىچىك كالتەكلەر ياتقۇزۇلغان ، يەنە يالپاق تاشلار بىلەن توپا ئارىلاشتۇرۇپ ، ۋە يۇلغۇن ، قۇمۇش باستۇرۇپ ياسالغانلىرىمۇ بار . تۇرلارنى ياساشتا شۇ يەردىن ماتېرىيال ئېلىش پىرىنسىپ قىلىنغان . تۇرلار ئەينى يىللاردىكى ھەربىي مۇداپىئە ئىشلىرى ، خەۋەرلىشىش ۋە ئالاقىلىشىش سېستىمىسىنى نامايەن قىلىپلا قالماستىن بەلكى ئوخشىمايدىغان دەۋرلەردىكى قاتناش لىنىيىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزگىرىشىنى تەتقىق قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ .
كۇچادىكى قىزىل قاغا تۇراسى
يوللانغان ۋاقتى: 19-10-2009 بۇ تېمىا تەۋە بولغان سەھىپە: * ئۇنىۋېرسال تېمىلار
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ۋاستىسى خۇرجۇن
18. كۇنتۇغدى ئېلىگنىڭ ئايتولدىغا ئوزىنى كورسەتكەنلىكى بايانىدا
ئابدۇقادىر داموللا ھېكمەتلىرىدىن تاللانمىلار
قەتلى قىلىنىپ بولۇپ كۆيدۈرۈۋېتىلگەن مائارىپچى
ھەقسىزلىقنىڭ ئاچچىق قىسمىتى - بۇخارا پاجىئەسى
23. ۋەزىر ئايتولدىنىڭ سوئالى ۋە ئېلىگنىڭ جاۋابى
44. كۇنتۇغدى ئېلىگنىڭ ئودغۇرمىشقا خەت ئەۋەتكەنلىگى بايانىدا
زىيالىي، يىتەكلىگۈچى ۋە باشقىلارنى ئىلھاملاندۇرۇش
بىر يىل ئىچىدىكى مۇھىم خاتىرە كۈنلەر
19. كۇنتۇغدى ئېلىگنىڭ ئادالەتنىڭ قانداقلىقىنى ئېيىتقانلىقى بايانىدا
45. ئوگدۇلمىشنىڭ ئودۇرمىش قېشىغا بارغانلىقى بايانىدا
33. ۋەزىرلەرنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكى بايانىدا
15. ئايتولدىنىڭ كۇنتۇغدى ئېلىككە كورۇنگەنلىكى بايانىدا
47. ئوگدۇلمىشنىڭ ئودغۇرمىشنى دەۋەت قىلغانلىقى بايانىدا
20. ئايتولدىنىڭ ئېلىگدىن سوئال سورىغانلىقى بايانىدا
41. باش ساقىينىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىگى بايانىدا
51. ئودغۇرمىشنىڭ ئېلىككە نەسىھەتلىرىنى يېزىپ ئەۋەتكەنلىكى بايانىدا
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھېكمەتلىرىدىن تاللانمىلار
21. ئېلىگنىڭ ئايتولدىغا جاۋابى
50. ئوگدۇلمىشنىڭ ئودغۇرمىشقا بۇ پانى دۇنيا بىلەن باقى ئاخىرەتكە ئېرىشىش ھە...
ئۇيغۇرچە توربەتلەر جەمگاھى
27. ئايتولدىنىڭ ئېلىككە ۋەسىيەتنامە يازغانلىقى بايانىدا
ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى
مائارىپ ھەققىدە پاراڭلار
خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى باياناتنامىسى
22. تىلنىڭ پەزىلەتلىرى ۋە سوزنىڭ پايدىلىرى بايانىدا
26. ئايتولدىنىڭ ئوغلى ئوگدۇلمىشكە نەسىھەت قىلغانلىقى بايانىدا
24. سوز سوزلىمەك ياخشىراقمۇ ياكى شۇك تۇرماقمۇ ،
38. كاتىپنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكى بايانىدا
5. يەتتە يۇلتۇز ۋە ئون ئىككى بۇرچ بايانىدا


