ۋىجدان قۇياشىنىڭ قارايغان كۈنى، ئەقىدە ئەھلىنىڭ قىيامىتى!
- خىيال دەپتىرىمدىن
1
بۇ يىل 6- ئايدا مەن تەتقىقاتچى ئىشداشلىرىم بىلەن تەڭرىتاغنىڭ شەرقىي ئېتىكىدىكى قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزلىرىنى بىر قەدەر سىستېمىلىق قايتا كۆزىتىش ئۈچۈن يولغا چىققان ئىدىم. تۇرپاندا بىر قاتار خارابىلەرنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى قەبرىگاھى ئالدىدا سۈكۈتتە بولدۇم. بىر قانچە يىل مۇقەددەم بۇ قەۋرە بىر دۆۋە تۇپراق ۋە سارغىيىپ قالغان بىر تۈپ يانتاق ھالىتىدە زاھىر بولۇپ تۇرغاندا، مەن ئۇنىڭغا بېغىشلاپ « يېشىل ئابىدە » دەپ قىسقىغىنە شېئىر يازغانىدىم. بۇ قېتىم بۇ تۆتلىكنى ئۇنىڭغا بېغىشلىدىم:
يىلسېرى بىلمەكتىمەن قەدرىڭنى خالىق ئۇيغۇرى،
يادىكار ئەشئارلىرىڭدىن يورىدى قەلبىم نۇرى.
چاپسىمۇ جاللات سېنى، جاللاتقا يەم قىلغان سېنى،
سەن بىزار بولغان ئاشۇ ھەسەت – خۇسۇمەتنىڭ شورى!
بۇ شېئىرنى خېلى ئۈنلۈك ئۇقۇساممۇ، لەھەتتىن چىققان سادانى ئاڭلىيالمىغانىدىم. شەھەرگە قايتقىنىمىزدا باج ئىدارىسىنىڭ كادىرى ئىسرائىل بىزنى ئۆز خانىسىدە بىر پىيالە چاي ئىچىپ كېتىشكە شۇنچىلىك قاتتىق تۇتتىكى، ھەممىدىن بۇرۇن مەن ئاڭا ماقۇل بولدۇم.ئۆي ئەسقەر ھاجى كارىزى يېنىدا بولۇپ، ئالدى كەڭ پېشايۋانلىق سەينا ئىدى. باشقا ھەمراھلىرىمىز ئۆرۈكلۈك باغقا كىرىپ كەتتى. مېنى پېشايۋان ئوتتۇرىسىدىكى سېمونت تۈۋرۈك ئۆزىگە مەھلىيا قىلىۋالدى. بۇ بىر مېتىر كەڭلىكتىكى شۇنداق تۈۋرۈك ئىدىكى، ئۇنى « شېئىرى لەۋھە » دېگەن تۈزۈك ئىدى. تۈۋرۈكنىڭ بىر يۈزىگە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ « باردۇر » دېگەن شېئىرى، ئىككىنچى يۈزىگە باشقا شېئىرىي مىسرالىرى ھۆسنىخەت بىلەن چېكىلگەنىدى. مېنى بىر ئىلاھىي كۈچ ئىلكىگە ئېلىۋالغاندەك بولدى. ئۈن – تىنسىز ياتقان لەھەت بۇ « شېئىرى لەۋھە» دە ئاۋازغا كەلگەندەك تۇيغۇ بېغىشلىدى. « شېئىرىي لەۋھە » دىن كۆزۈمگە مۇنداق مىسرالار چاقناشقا باشلىدى:
جاھالەت سەمەرىسىدىن بىزگە بىر كۈن كۆپ جاپا باردۇر،
ئېيتىڭىزچۇ، بۈگۈنكى ھالىمىزنىڭ قايسى بىرىدە ساپا باردۇر.
تەئاۋۇنۇ – تەناسۇر ئورنىغا بىزلەردە بىر ئادەت،
يېڭى باشنى كۆتۈرگەننى ئۇرۇپ يىقىتقانىمىز باردۇر.
ئومۇمنىڭ پايدىسىغا يۈز يىلدا ھەم ئەسلا چۈشەنمەيمىز،
زىيان قىلماق ئۈچۈن بولسا ئەجەپ چاققانىمىز باردۇر.
بىرى بىر ياخشىلىق قىلسا، ئۇنىڭ يادىنى قىلماق يوق،
ئېپى كەلسە بېرىپ ئەۋرەتلىرىن ئاچقانىمىز باردۇر.
خۇشامەت بابىدا بىزدىن بۆلەك ئۇستاسى ھەم يوقتۇر،
قۇۋلۇقۇ شۇملۇق بىلەن رەڭمۇ رەڭ يالغانىمىز باردۇر.
ئىلىم – پەنگە يۈرۈش قىلغان ئۇچار كۆكتە، ئۈزەر سۇدا،
مىنىشكە يوق قوتۇر ئىشەك، ياياق قالغانىمىز باردۇر.
قىزىل كۆزلۈك، كۆرەلمەسلىك، ۋە يا ئۆزى قىلالماسلىق،
قىلاي دەپ باغلىسا بەلنى تۈمەن بوھتانىمىز باردۇر.
﹡ ﹡ ﹡
پەنگە قارشى كاپشىماق، خۇددى ئىتتەك ھاۋشىماق،
خارۇ – زەبۇن ياشىماق، تەرسا تەتۈر ناداننىڭكى.
﹡ ﹡ ﹡
ئاتا بوۋامدىن مىراس كونا كېسەلنىڭ دەردىدە،
گاھ ئۆلۈپ، گاھ تىرىلىپ، كۆپتىن بېرى ئاۋارىمەن.
باشقىلار كۆكتە ئۇچۇپ، سۇدا ئۈزۈپ كەتتى يىراق،
مەن مىسال يالاڭ ئاياغ، دەسسەپ تىكەن ماڭارىمەن.
كۆزۈمنى بىردىن « شېئىرىي لەۋھە » نىڭ بېشغا يۆتكسەم، شېئىر ماۋزۇلىرى ماڭا خۇددى « ئۇيغۇرۇم » بۇ ئىللەتلەر ھېلىمۇ بىزدە « باردۇر» دېگەندەك كۆرۈنۈپ كەتتى… مەن بۇ « شېئىرىي لەۋھە » يېنىدا تۇرۇپ رەسىمگە چۈشتۈم.
2
ئىش بۇنىڭ بىلەن ئاياغلاشمىدى ! قۇمۇل، بارىكۆل، جىمىسار سەپىرىدە خىيالىمنى يېقىنقى يىللاردىكى پاجىئەلىك بىر قاتار ھادىسىلەر چۇلغۇۋالدى. ئاجايىپ – غارايىپ، باش – ئايىقى يوق چەكسىز پىتنە – بوھتانلارنى ئويدۇرۇپ ئىلىم ۋە ئىجادىيەت بېغىمىزنىڭ ۋايىغا يېتىۋاتقان سەرخىل مېۋىلىرىگە شىۋېرغان ھەيۋىسىنى پىلانلاۋاتقان زادى قايسى قاباھەتلىك قارا سايە؟ بۇ زادى كىم؟
چەكسىز دەشت – باياۋاندا، بەھەيۋەت تاغۇ – تاشلار ئارىسىدا خۇددى ۋابا ئالۋاستىلىرىغا قارشى ئاتلانغان قەھرىمان چىستانى ئىلىكبەگنىڭ ئاۋازىدەك « بۇ زادى كىم ؟ ؟ ؟ » دېگەن نەرە گۈلدۈرمامىغا ئايلىنىپ تەكرارلانغاندەك بولدى.كۆزۈمگە ھەر خىل ئوبرازلار كۆرۈندى! ئەمما بۇ ئوبرازلارنىڭمۇ ئۆز ئۆمۈرلىرىدە يەنىلا باشقا بىر پاجىئەلىك ئاقىۋەتكە گىرىپتار بولغانلىقلىرىنى ئويلىغىنىمدا، ئۇلارنىڭ نادانلىق ۋە ھەسەتخورلۇقتىن ئىبارەت « ماخاۋ » كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى ھېس قىلدىم. تولىمۇ دەبدەبە بىلەن ۋە توختىماي ۋايساش بىلەن باشلانغان بۇ كېسەللىك قانچە مىڭلىغان ھەسەتخورلارنى ۋە ئۇنىڭ بىگۇناھ قۇربانلىرىنى ئوخشاشمىغان ئاچچىق ئارمان بىلەن يورۇق دۇنيادىن قاراڭغۇ لەھەت دىيارىغا سۆرەپ كەتكەندۇ؟ !
مۇشۇ ھەسرەتلىك خىياللار بىلەن تەڭرىتاغنىڭ شەرقىي قانىتىنى بىر ئايلىنىپ ئۆتۈپ، ئۇنىڭ غەربىي قانىتىنى بويلاپ قەدىمكى قارا خانىيلار خارابىلىرىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش ئۈچۈن قىزىلسۇ ۋە قەشقەر تەرەپكە يولغا چىقتىم. خىيالىم بىردىن قەدىمكى دۇنياغا يۆتكەلدى. ھەتتا ماڭا : « تەكلىماكان، ئۇ ئەسلى تەھتى ماكان » دېگەن شېئىرمۇ، « قىزىل يۇلغۇن ئەجدادىمىز قانلىرى » دېگەندەك شېئىرلارمۇ ھەسرەتلىك تۇيۇلۇشقا باشلىدى. ئاتۇش قۇمساڭىردىكى قاراخانىيلاردىن ئىلگىرىكى خانلار قەبرىگاھى جايلاشقان سالافلار يارلىقىدا قاتار ئېچىلىپ قالغان مىڭ يىلدىن ئىلگىرىكى جەسەت سۆڭەكلىرىمۇ نوقۇل ئارخېئولوگىيىلىك ئوبيېكت بولماستىن، يەنە مەنىۋى شەجەرىلىك ئوبيېكت بولۇپ كۆرۈندى. كارتون قەغەزدەك نېپىزلەپ كەتكەن بۇنچە نۇرغۇن كاللا سۆڭەكلەرنىڭ قايسىلىرى ھەسەتخورلۇقنىڭ زەھەر كوزىسى، ئاتەشدانى ۋە قايسىلىرى ھەسەت ۋە پىتنە ئۇۋالى بىلەن ھەسرەتلەنگەن ئەقىل كاسىسى بولغان بولغىيتتى! قېنى « غالىپ » نىڭ ئەسىرلىك شۆھرەت لەۋھەسى؟ زادى قېنى ؟!
مانا بۈگۈن بىز تېپىۋالغان ئاقچا پۇللار، سىلىق ئىشلەنگەن قىمار تۆت ئوشۇقى، زىبۇزىننەت پارچىلىرى… قانچە، قانچە رەشكى-ھەسەت، پىتنە – ئىغۋا پەيدا قىلغان ۋە « غالىپ » قولىدىمۇ تۇرمىغان!
بىز خالتا كوچىدەك بۇ ئۇستىخانلىق يارلىقتىن تولىمۇ تەسلىكتە چىقىپ كېتىۋاتقىنىمىزدا، ئىككى مېتىر تۇپراق تېگىدە قاتار كەتكەن بوتكىلاردەك بېشىنى چىقىرىپ ياتقان ئاپئاق ئادەم سۆڭەكلىرى ھەسرەتلىك خور ئوقۇغاندەك قىلدى. ئۇلار ئاۋاز چىقارماي ياتاتتى، مېنىڭ قەلبىمدە بولسا مۇشۇ كۆرۈنۈشلەردىن خۇددى ئەكس سادادەك شەيخ سەئدىنىڭ مۇنۇ شېئىرى جاراڭلاشقا باشلىدى:
ھەسەتخورغا بىھاجەت تىلىمەك بالا،
چۈنكى بۇ شۇم تەلەي ئۇنىڭ ئىلكىدە!
شەرت ئەمەس ئاداۋەت تۇتماقلىق ئاڭا،
ھەسەت ئۆز رەقىبى يۈرگەن كەينىدە!
بەزى سۆڭەكلەردىن : « ھەسەت ۋە كۆرەلمەسلىكتىن خالىي بولغانلىقىم ئۈچۈن، نەۋرەمنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىگىچە ياشىدىم ! » دېگەن سۆزلەر ئاڭلانغاندەك بولدى.
داۋامى بار.
مەنبە: ﯪبدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ؛ “ يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت “ شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى نەشىرى
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار: