※ ئوقۇتقۇچى ئىنساندىكى ئەڭ يۈكسەك ھېسسىيات — مۇھەببەت ئارقىلىق باھار يارىتىدۇ، غايە تىكلەيدۇ، كۈچ – قۇۋۋەت ھاسىل قىلىدۇ.
— ن . كالنىن
※ ئوقۇتقۇچىنىڭ پۈتۈن بەھرى ئوقۇغۇچىلاردا، ئۆزى چاچقان ئۇرۇقلارنىڭ ئۆسۈشىدۇر.
— مىدېليۋ
※ ئوقۇتقۇچى ئەڭ مەسئۇلىيەتلىك ۋەزىپىنى ئادا قىلىدۇ، ئۇ ئىنساننى شەكىللەندۈرىدۇ.
— دىستىرىۋېگ
※ ياخشى ئوقۇتقۇچى بولۇش ئۈچۈن نېمىنى ئوقۇتساڭ شۇنىڭغا، كىمنى ئوقۇتساڭ شۇلارغا مېھىر قويۇشۇڭ زۆرۈر.
— ئا. كليۇچېۋسكىي
※ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەربىيىنىڭ سىرى ئوقۇغۇچىغا بولغان ھۆرمەتتە.
— ر . ئەمىرسون
※ ئۇستاز – تەلەپچان، قاتتىق قول، ئىنتىزامچان ئادەملەردۇر.
— سەئىدى
※ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەرىكىتى ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ ۋەز – نەسىھەتلىرى خىلاپ بولماسلىقى كېرەك، بولمىسا ئوقۇغۇچىلار ئاسانلا بۇزۇلۇپ كېتىدۇ.
— جامى
2009- 09- 14 17:27 ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى


