يەتتە ياشقا يەتكۈچە
يەر توخمىقىنى يەرسەن ،
يەتمىش ياشقا يەتكۈچە
ئەل توخمىقىنى يەرسەن .
بالا كۆرگىنىنى قىلار ،
ئاتا بىلگىنىنى قىلار .
بالا تۇغقاننىڭكى ئەمەس ، تەربىيەلىگەننىڭكى .
بۇزۇشنى ئۆگەنمە ، تۈزۈشنى ئۆگەن .
يىڭنە قاياققا ماڭسا ، يىپ شۇ ياققا ماڭار .
كىشى يوق دەپ سۆزلىمە ،
ئاغزىڭ يامان ئۈگىنەر .
ئات بىلەن بىر بولسا ئېشەكنىڭ ئوقۇرى ،
رەڭڭى يۇقماس ، خۇيى يۇقار ئاخىرى .
ئاتا غەيرەتلىك بولسا ، بالا ئىبرەتلىك بولۇر
توققۇزىدا قانداق ،توقسانىدا شۇنداق .
تاينى ئات قىلغۇچە ،
ئىگىسى ئىشەك بولۇر .
ئۇستاز بىلىملىك –شاگىرتى ئىلىملىك .
ياخشى بولسا ياغ كەلتۈرۈر
يامان بۇلسا داغ كەلتۈرۈر .
چوڭنىڭ ئۇيالغۇسى كەلسە ، كىچىككە چېقىلار .)
چوڭنىڭ ھۆرمىتى – قەرز ،
كىچىكنىڭ سالامى- پەرز .
قىز بەرسەڭ ئاتىسىغا قارا ،
قىز ئالساڭ ئانىسىغا قارا .
ئاتىدىن ئوغۇل ، ئانىدىن قىز .
ئىنسان ئەخلاقى بىلەن ،
ئاسمان ئاپتىپى بىلەن .
چوڭغا سالام بەر ،
كىچىككە كالام .
چوڭ ئىززەتتە – كىچىك خىزمەتتە .
ئەلدە بارى–سەندە بارى .
ئادەمنىڭ كۆزگۈسى-ئادەم .
قولى ئوچۇقنىڭ يولى ئوچۇق .
ئادەمنىڭ تىزگىنى– ئەقىلى .
توغرا سۆزنىڭ توخمىقى چىڭ .
ئادەمنىڭ يۈزى ئاپتاپتىن ئىسسىق .
ئاتىلار سۆزى – ئەقىلنىڭ كۆزى.
(غىلاجىدىن ئوسمان تەييارلىغان)


