ھاممال روئان بىر كۈنى لىق پولات تۇرۇبا بېسىلغان ھارۋىنى سۆرەپ دۆڭگە كەلگەندە توختاپ قاپتۇ. چۈنكى، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ھارۋىنى دۆڭگە يالغۇز تارتىپ چىقىپ كېتەلەيدىغانلىقىغا كۆزى يەتمەپتۇ. بۇ چاغدا يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر ئاقكۆڭۈل كىشى قىزغىنلىق بىلەن ‹‹مەن ساڭا ياردەملىشەي!›› دېگەچ يېڭىنى تۈرۈپ تەييارلىنىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان روئان غەيرەتكە كېلىپ، ھارۋىنى كۈچەپ تارتىپتۇ. ھېلىقى كىشى ئارقىسىدا توختىماستىن ئۇنىڭغا مەدەت بېرىپ ‹‹غەيرەت قىل، كۈچە!›› دەپ توۋلاپتۇ. بىر پەس ھەپىلەشكەندىن كېيىن، روئان ھارۋىنى ئاخىرى دۆڭگە سۆرەپ چىقىپتۇ. ئۇ تەرىنى سۈرتكەچ، ئاقكۆڭۈل كىشىگە رەھمەت ئېيتىپ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەندە ، ئۇ كىشى ‹‹ماڭا رەھمەت ئېيتما، چۈنكى مېنىڭ رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغى كېسىلىم بار، كۈچىيەلمەيمەن. مەن پەقەت توۋلاپ، ساڭا مەدەت بەردىم – شۇ، سەن ئۆز كۈچۈڭگە تايىنىپ ھارۋىنى تارتىپ چىقاردىڭ›› دەپتۇ.
روئان ياردەمگە تايانمايمۇ شۇنچە ئېغىر بىر ھارۋىنى دۆڭگە سۆرەپ چىقىرالىدى. چۈنكى، ھېلىقى ئاقكۆڭۈل كىشى ئۇنىڭغا ئىشەنچ ئاتا قىلغانىدى. ئىشەنچ ئەتراپتىكى مۇھىتنى ئۆزگەرتىپلا قالماي، يەنە ئىشەنچ تۇرغۇزغۇچىنىمۇ ئۆزگەرتەلەيدۇ. ئۆزىگە ئىشىنىدىغانلار دائىم ئادەتتىكى ئادەملەردىن ھالقىپ مۆجىزە يارىتالايدۇ. شۇڭا، ئۆزىگە ئىشىنىش بىر ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى مۇھىم ئامىلدۇر.
ئەمما، ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئۆزىدە ئىشەنچ تۇرغۇزالىشى ناتايىن. كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ يولى ئەگرى – توقاي، سىناقلىرى كۆپ بولىدۇ. بەزىلەر ئوڭۇشلۇق ئۆتەلەيدۇ، بەزىلەر ئۆتەلمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، كىشىلىك تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن مەغلۇبىيەتلەر ئىقتىدارنىڭ كەمچىللىكىدىن ئەمەس، بەلكى ئىشەنچنىڭ كەمچىللىكىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئۆزىگە ئىشىنىش كىشىلىك تۇرمۇشقا يۈزلىنىشتىكى بىر خىل جۈرئەت ۋە ئېتىقاد. ئۇ كىشىنى ئەگرى – توقايلىقلارغا باش ئەگمەي دادىللىق بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. ئۆزىگە ئىشىنىش مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى ئۇل تاش. ئىشەنچ پەلەمپىيىگە دەسسەپ تۇرۇپ يۇقىرى ئۆرلىگەندىلا، ئاندىن مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ.
بىر ئادەمنىڭ ئورنى قانچىلىك ئاددىي بولسۇن، ئۆزىگە ئىشىنىش غايەت زور بايلىقتۇر! ئىشەنچ تولۇق بولسىلا، ھايات مول مەزمۇنلارغا تولىدۇ.
( خالىدە مەسئۇت تەرجىمىسى )


