* مۇزىكا قۇياشقا ئوخشاش دالىدىكى گۈللەرگە نۇر ئاتا قىلىدۇ.
* نەپىس كۈي گۈزەللىك ۋە ئەبەدىيلىككە بولغان ئۈمىدىمنى كۈچەيتتى.
* مۇزىكىسىز بەخت خۇددى تىلى كېسىۋېتىلگەن قىزغا ئوخشايدۇ.
* كىشىلەر ‹‹بۇلبۇل ناخشا ئېيتقاندا تىكەنلەر سانجىيدۇ›› دېيىشىدۇ . بىزمۇ شۇنداق ، بولمىسا بىز قانداقمۇ ناخشا ئېيتالايمىز؟!
* ئانا قەلبىدە جىم تۇرغان شېئىر بالا ئاغزىدىن چىقىدۇ.
* ئۆلچىمىم بويىچە ، مۇزىكا — ھەقىقىي ئۆزلۈكنىڭ ئوبرازى ياكى جانلىق ھېس–تۇيغۇنىڭ تەسەۋۋۇرى.
* سابا كۈيى شادلانغۇچىنىڭ كۈي–غەزىلى بولۇپ ، ئادەمنى غەم–ئەندىشىدىن ، دەرد–ئەلەمدىن خالاس قىلىدۇ ، شادلىق دەرياسىدا ئۈزۈشكە ، شادلىق شارابىنى ئىچىشكە ئۈندەيدۇ .
مۇساجان ياسىن تەييارلىغان


