كىتاپ ھەققىدە ھېكمەتلەر

* كىتاب — ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت نەتىجىلىرى ۋە ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرىنىڭ يازما خاتىرىسى.

* ئەقىل – پاراسەت كىتابقا تايانمىسا، خۇددى قاناتسىز قۇشقا ئوخشاپ قالىدۇ.

* كىتاب — ئىختىساسلىق كىشىلەرنى يېتىشتۈرىدىغان ئوغۇز سۈتىدۇر، ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ مەنىۋى بايلىقىنى ساقلاپ قالىدۇ ھەمدە ئىنسانىيەت تۇرمۇشىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.

* ياخشى كىتابنى تۇنجى قېتىم ئوقۇغىنىمىزدا خۇددى بىر ياخشى دوست تېپىۋالغاندەك بولىمىز.

* كىتاب ھەر ۋاقىت يېنىڭىزدىكى مەسلىھەتچى، ئۇ سىزنى ھەر ۋاقىت سىز ئېھتىياجلىق بولغان بىلىم بىلەن تەمىنلەيدۇ.

* كىتاب — غايەت زور كۈچ.

* كىتاب — تۇرمۇش تەرەققىياتىنىڭ تېزلەتكۈچىسىدۇر.

* كىتاب — خەلقنىڭ يىلنامىسى، ئۇ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ھەددى – ھېسابسىز مول تەجرىبىلىرىنى ئەۋلادتىن – ئەۋلادقا يەتكۈزىدۇ.

* كىتاب — گەرچە كىچىك بولسىمۇ، لېكىن خۇددى چاقناپ تۇرغان ياقۇتقا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ ھەربىر دانىسى غايەت زور قىممەتكە ئىگە.

* كىتاب — كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا بىزگە ئاتا قىلىنغان نەسىھەت ۋە تەسەللىدۇر، ئۇنىڭ قىممىتى چەكسىز.

* كۆڭۈلدىكىدەك كىتاب — ئەقىل – پاراسەتنىڭ ئاچقۇچىدۇر.

* كىتاب — بىپايان زامان دېڭىزىدىكى ماياك.

ئابلىز ئابلەت مەخسۇم تەييارلىغان

_ مەدەنىيەتلىك كىشىلەرنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشكە سەنئەت ۋە پەندىن ئىبارەت ئىككى كۈچنىڭ ئەھمىيىتى زور. بۇ ئىككى كۈچ كىتابقا مۇجەسسەملەنگەن. – م. گوركىي

_ كىمىكى ئەجدادلار ياراتقان مەنىۋى بايلىقلارنى بىلمىسە، ئۇ گۈزەللىكتىن بىخەۋەر ياشىغان بولىدۇ. – گېگېل

_ كىتابلار ئالدىدا ھەممە نەرسە نۇرسىز بولۇپ قالىدۇ. – ئا. پ. چېخوف

_ كىتابلار بىر ئەۋلادنىڭ يەنە بىر ئەۋلادقا قالدۇرغان مەنىۋى ۋەسىيىتى، ئۆمرى ئاخىرلاشقان قېرىنىڭ ھاياتقا ئەمدى قەدەم قويۇشقا باشلىغان ئۆسمۈرگە قىلغان پەند – نەسىھىتى، پوستىن ئايرىلغان ساقچىنىڭ پوستا تۇرغان ساقچىغا بەرگەن بۇيرۇقىدۇر. – ئا. ن. گېرتسېن

_ گاھىدا ئادەم كىتابنى ئوقۇپ تۈگەتكەندە مۇتلەق باشقىچە بولۇپ، ئۆزگىرىپ قالىدۇ. ئەڭ مەغرۇر ئەقىل ئىگىلىرىمۇ، نازاكەتلىك شەخسلەرمۇ، ساددا ۋە ئەۋلىيالارمۇ ئۇنىڭ بۇ تارتىش كۈچى ئالدىدا باش ئېگىدۇ. – ۋ. گيۇگۇ

_ ياخشى يېزىلغان تارىخىي رومان تارىخ توغرىسىدىكى ئەڭ ياخشى دەرسلىكلەر بىلەن تەڭ. – بالزاك

_ كىتابسىز ئۆي جانسىز تەن. – تىتېسرون

_ كىتابلار جانسىز، ئەمما سادىق دوستلاردۇر. – ۋ.گيۇگو
_ بىرىنچى قېتىم ياخشى كىتاب ئوقۇغاندا گويا ياخشى دوست تېپىۋالغاندەك ھېس قىلىمىز. ئوقۇغان شۇ كىتابنى تەكرار ئوقىساق كونا دوست بىلەن قايتا ئۇچراشقاندەك بولىمىز. – ف. ۋولتېر

_ سىزنى ئويلاشقا مەجبۇر قىلىدىغان كىتابلا ئەڭ ياخشى نەپ بېرىدىغان كىتابتۇر. – ت. پاكىر

_ ئادەمنىڭ ئادەملىكىنى ئۇ ئوقۇيدىغان كىتابلاردىن بىلىش مۇمكىن. – س. سمايلىس

_ ياخشى كىتاب ھەر قانداق سىناققىمۇ بەرداشلىق بېرەلەيدۇ ۋە ئۆمۈر بويى ياخشى ھەمراھ سۈپىتىدە خاتىرىدە ساقلىنىپ قالىدۇ. شۇڭا كىتابلارنى توغرا تاللاشنى بىلىش كېرەك. – پ. ئا. پاۋلېنكوۋ

_ ھاياتنىڭ مەنىسى، ئادەملەرنىڭ ئارزۇ – تىلىكى ۋە ئىش – ھەرىكەتلىرىنىڭ تۈپ سەۋەبلىرىنى چۈشىنىشنى ئۆگىتىدىغان كىتابلارنىلا ئوقۇش ۋە قەدىرلەش كېرەك. – م. گوركىي

‹‹تەپەككۇر گۈلشەنى›› دىن ئاينۇر مۇھەممەد تەييارلىغان

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار:

ياخشى نىيەت يېرىم دۆلەت
ئەقىلگە تايىنىڭ ، ھېسسىياتقا بېرىلمەڭ
ئىسلام دىنى ۋە تەركىي دۇنيالىق
بىلىشكە تېگىشلىك 46 خىل تۇرمۇش ساۋاتى
گېئوتى ھېكمەتلىرىدىن تاللانمىلار
ئەجىر — مېھنەت كۈچ
ئوڭىشسىزلىق ئىچىدىكى مۇۋەپپەقىيەت ھەقىقىي مۇۋەپپەقىيەت
ئۆزى ياقتۇرمايدىغان ئىشنى ياخشى قىلىش
شېرىن ئۇيقۇدىكى يوشۇرۇن ئىقتىدارىڭىزنى ئويغىتىڭ
«قۇم باسقان شەھەر» رومانىدىن ھىكمەتلەر
سالىھلار ھاياتىدىن دۇردانىلەر
ئاز ئۇخلىغاننىڭ پايدىسىدىن زىيىنى تولا !
بايلار مۇنداق پىكىر يۈرگۈزدۇ
ئويلىنىش
ھالاللىق ھەققىدە ئويلار
روھنى ساغلاملاشتۇرۇش- مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇقەددىمىسى
ئۆگىنىش ھەققىدىكى ھېكمەتلەر
قىزلارغا 100 نەسىھەت
«تەنتاۋى جەۋھەرلىرى» تاللانمىلار
تۇرمۇشتىكى 8 ھەقىقەت
مۇۋاپپەقىيەتنىڭ 17 تۈرلۈك پىرىنسىپى
مىللىي مائارىپ ۋە نەزەرىيەۋى تەپەككۇر
مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلار ھەققىدە ئېيتقانلىرى
ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەدئىمىن رۇبائىيلىرى
دەس تۇرىمەن
ماقال - تەمسىللەر
دۇنيادىن يىراق
ئەمانىڭ ھايات مەنتىقىسى
ئارالچە مەدەنىيەت ۋە ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا
ئۆسۈپ يېتىلىشىڭىز ئۈچۈن كېرەكلىك 13 خىل ئىقتىدار سىزدە بارمۇ؟