ئۆگىنىش ھەققىدىكى ھېكمەتلەر

* مىننەتسىز ياشاشنى قۇياشتىن ئۆگەن.

* ئۈمىد ئاسمىنىدا چاقناپ پارلاق نۇر چېچىشنى يۇلتۇزدىن ئۆگەن.

* سەبىي قەلبلەرگە ئۈمىد نۇرلىرىنى چېچىشنى قاراڭغۇ ئۆيلەرگە ئۈن – تىنسىز يورۇقلۇق ئاتا قىلىۋاتقان، ئۆزىنى بېغىشلاش روھى كۈچلۈك بولغان شامدىن ئۆگەن.

* تىز پۈكمەي قەيسىرانە ياشاشنى قارىغاي روھىدىن ئۆگەن.

* بەرداشلىق بېرىشنى، تەۋرەپ قالماسلىقنى، قەيسەرلىكنى دېڭىزدىكى خادا تاشلاردىن ئۆگەن.

* پاكلىقنى ئاپئاق قارلاردىن، ئاپئاق پاختىلاردىن، ئاپئاق ئانا سۈتىدىن ئۆگەن.

* گۈزەللىكنى، تەبىئىيلىكنى سەھەرنىڭ ساپ ھاۋاسىدىن، چەكسىز كەتكەن دالىلاردىن، ئېرىق بويىدا ئۆسكەن ياۋا گۈللەردىن ئۆگەن.

* ۋاقىتنى قەدىرلەشنى، ھاياتقا ئەھمىيەت بېرىشنى، مېھرىبانلىقنى ئېقىن سۇلاردىن، تاڭنىڭ ئېتىشىدىن، قۇياشنىڭ ئىللىق پارلىشىدىن ئۆگەن.

* ئۆزۈڭنى داۋاملىق يېتىلدۈرۈپ، تاكامۇللاشتۇرۇشنى سەلبىي ئىشلاردىن ئىبرەت، ياخشى ئىشلاردىن ئۈلگە ئېلىپ ئۆگەن.

ئىشقىلىپ ئەتراپىڭدىكى ھەربىر شەيئى سەن ئۈچۈن بىر ئەينەكلىك رول ئوينايدۇ. سەن بۇ ئەينەكتىن بەزىدە ئۆز ئەكسىڭنى كۆرسەڭ، بەزىدە ئۆزگىلەر ئەكسىنى كۆرىسەن. بەزىدە ياخشى ئىشلارنى كۆرسەڭ، بەزىدە ناچارلىقلارنى، كىشىنى يىرگەندۈرىدىغان پاسسىپ، بولمىغۇر ئىشلارنى كۆرىسەن…

قىسقىسى، ئۆزۈڭ يولۇققان ھەرقانداق ئىشنى ئەقىل ئىشلىتىپ ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، تۇرمۇشۇڭنى كۈندىن – كۈنگە رەڭدارلىققا، گۈزەللىككە پۈركەپ سوغۇققانلىقنى ئۆگەن.

تەييارلىغۇچى: ساجىدە خېلىل

‹‹شىنجاڭ ياشلىرى›› ژۇرنىلىدىن ئېلىندى

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار:

سەۋدالىق تەئەججۈپنامىسى
مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلار ھەققىدە ئېيتقانلىرى
ھېكمەتلەر
ھېكمەتنامە
شېرىن ئۇيقۇدىكى يوشۇرۇن ئىقتىدارىڭىزنى ئويغىتىڭ
تارىخ ۋە ئىنسان
يېڭىچە تۇرمۇش تىرىشچانلىقتىن كېلىدۇ
ئوڭىشسىزلىق ئىچىدىكى مۇۋەپپەقىيەت ھەقىقىي مۇۋەپپەقىيەت
سالىھلار ھاياتىدىن دۇردانىلەر
بىزدىكى پەن بىلەن سەنئەت مۇناسىۋىتىدىكى ئېغىشلار
گېئوتى ھېكمەتلىرىدىن تاللانمىلار
ئايالنىڭ ئۈچ تىلىكى
ئاياللار ئەڭ بىزار بولىدىغان سۆزلەر
ياخشى نىيەت يېرىم دۆلەت
يارىلانغان سوقرات
ئاتا مىراس نەسىھەتلەر
مۇۋاپپەقىيەتنىڭ 17 تۈرلۈك پىرىنسىپى
ئۆمۈر بانكىسى
لوقمان ھېكىمنىڭ 100 نەسىھىتى
ئەستە تۇتۇشقا تىگىشلىك 100جۈملە سۆز
ئەنئەنىنىڭ يەنە بىر يۈزى
گۆھەرگە دەسسەپ تۇرغان كور گاداي
خارۋارد كۈتۈبخانىسىدىكى 20 ھېكمەت
ئۆزۈم ھەر جايدىمەن، كۆڭلۈم سەندىدۇر
بىر كۆرمىسىڭىز ئۇخلىيالمىغىدەك ھىكمەتلەر
كىشىلىك تۇرمۇشتىكى 18 تۈرلۈك كۆرسەتكۈچ
كۈلۈشنىڭ ئون چوڭ پايدىسى
تەپەككۇر دۇردانىلىرى
ئويلىنىش
ياپونىيە نېمىشقا تەرەققىي قىلالىغان؟