بوۋاقلارنىڭ چىشىنى قانداق ئاسراش كېرەك؟

بوۋاقنىڭ چىشى چىقىشتىن بۇرۇن ھەر كۈنى ئاخشىمى بارمىقىڭىزغا پاكىز داكا ئوراپ بالىنىڭ چىش مىلىكى ۋە تاڭلاي قىسمىنى يېنىك سۈركەپ بېرىش كېرەك . بۇ ئۇسۇل قانچە بالدۇر باشلانسا شۇنچە ياخشى . سۈت چىشى چىقىشقا باشلىغاندا ، بۇ ئۇسۇلنى داۋاملىق قوللىنىش لازىم . تاماقتىن كېيىن بالىلارغا ئىلمان سۇ بەرسە ، ئېغىز بوشلۇقىنى تازىلاش رولىنى ئوينايدۇ .

بالىغا يىغلىغاندا ياكى ئۇخلاتقاندا سۈت ياكى تاتلىق ئىچىملىكلەرنى بەرمەسلىك ، قايناق سۇ بېرىش لازىم . ئەڭ ياخشىسى قايناق سۇنى ئىستاكاندا بېرىش كېرەك . مۇشۇنداق قىلغاندا چىشنى ئاسرىغىلى بولىدۇ .

مەيلى ئىمىتكەندە ياكى سۈت پاراشوكى بەرگەندە بولسۇن ، چوقۇم ئىمىتىش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلىش ، يۇقىرىقى ۋە تۆۋەنكى چىش ئوقۇرى چىشنى بېسىۋېلىپ ، بالىلارنىڭ جاغ سۆڭىكى ۋە چىشنىڭ نورمال يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ غەيرىيلىك پەيدا قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم .

بالا ئىككى ياشقا كىرگەندىن كېيىن ، سۈت چىشى تولۇق چىقىپ بولىدۇ . بۇ چاغدا بالىغا چىشنى توغرا چوتكىلاش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىپ ، مېۋە تەملىك چىش پاستىسى ئېلىپ بېرىش لازىم . بوۋاقلار ئاغزىدىكى سۇيۇقلۇقنى چىقىرىۋېتىشنى بىلمەيدۇ ، شۇڭا فىتورلۇق چىش پاستىسى ئىشلىتىشتىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك .

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار:

ياخشى دادا بولۇشنىڭ شەرتلىرى
چۈشلۈك ئۇيقۇ ۋە سالامەتلىك
ياشانغانلار يازدا يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىدىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىشى كې...
پەسىللەرگە ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇللىرى
تاماكا تاشلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدىغان ئۇسۇللار
ئالىملار پۇراقنىڭ ئەسكە ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى تاپتى
ئاياللار تاماكا چەكسە 15 يىل بۇرۇن يۈرەك كېسىلى بولۇشى مۇمكىن
توققۇز خىل ياخشى تۇرمۇش ئادىتى
ئۇيغۇرلاردىكى تازىلىق ۋە ساغلاملىق ئادەتلىرى
دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن 100 مەشھۇر ۋەقە
بىزگە قانداق ئانىلار كېرەك؟
MP3 تىڭشاش ئاڭلاش سېزىمىغا بىر سائەتتىلا زىيان سالالايدۇ
كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ
بالا ھەر كۈنى ئېھتىياجلىق بولىدىغان ماي
كروران گۈزىلى – ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى
تەڭرى قامچىسى- ئاتتىلا
يېمەكلىك تەركىبىدىكى مىس مىقدارىنىڭ زىيادە يۇقىرى بولۇشى مېڭىنىڭ قېرىشى...
قۇياش ھەرىكىتى ۋە رادىياتسىيەنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان تەسىرى
ئاشخانىدىكى خەتەردىن نېمىلەرنى بىلىسىز؟
بالىڭىزدىكى«تېلېۋىزور كېسىلى» گە دىققەت قىلىڭ
ئەيدىز تەتقىقاتىدىكى تۆت يېڭى يۆنىلىش
چۈشلۈك ئۇيقۇ ئادەمنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ۋە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيت...
ئامېرىكا ئالىملىرى نامورادىيونى تەتقىق قىلدى
نامىبىيەدىكى سىرلىق قىزىل تەنلىكلەر قەبىلىسى
دېھقان ئۆمەر بەكرىنىڭ ‹‹ئۈچ سۇ تېخنىكىسى›› پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشتى
ئانا (نەسىر)
مىللىتىمىزنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشتىكى ئەدەپ-ئەخلاق يوسۇنلىرى
مومامنىڭ شىپالىق دورىلىرى
ياندا ئېلىپ يۈرگىلى بولىدىغان كىچىك يادرولۇق باتارېيە
قانداق قىلغاندا بالىلاردىكى تۆمۈر كەملىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟