بالا ھەر كۈنى ئېھتىياجلىق بولىدىغان ماي

ماي بالىلار ئېنېرگىيەسىنىڭ مۇھىم مەنبەسى . ئادەم بەدىنىدىكى ماينى يېمەكلىكلەر تەمىنلەيدۇ . كىشلەر ئادەتتە يەۋاتقان سېمىز گۆش ۋە ئۆسۈملۈك يېغىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى مايدۇر . بىر گىرام ماي توققۇز كالورىيە ئىسسىقلىق چىقىرالايدۇ . بىر گىرام ئاقسىل ياكى قەنت پەقەت تۆت كالورىيە ئىسسىقلىق ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ . ئادەم بەدىندىكى مايلار ئاساسەن تېرە ئاستىدا ، قورساق قىسمىدا ۋە ئىچكى ئەزالارنىڭ ئەتراپىدا ساقلىنىپ ، ئىچكى ئەزالارنى زىيانغا ئۇچراشتىن ساقلايدۇ . ماي يەنە بەدەن سوۋۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ، بەدەن تېمېپراتۇرىسى تەڭشەيدۇ ۋە بەدەننى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ . ئادەم بەدىنىگە ئېھتىياجلىق ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەندە ، ماي ئۇنىڭ ئورنىنى تولۇقلايدۇ . ماينىڭ يەنە ۋىتامىن A ، D ، E ، K لارنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بار .

ئەگەر يېمەكلىك تەركىبىدە ماي كەمچىل بولسا ، بالىلاردا ئىشتىھاسىزلىق ، ئېغىرلىقى ئاشماسلىق ، تېرىسى قۇرغاق بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ . ئاسان يۇقۇملىنىدۇ ۋە مايدا ئېرىيدىغان ۋىتامىن كەملىك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ . ئەگەر يېمەكلىكتە ماي بەك كۆپ بولۇپ كەتسە ، بالىلاردا ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق ، چوڭ تەرەت قېتىم سانى كۆپ بولۇش ، كېيىن ئاسان سەمىرىپ كېتىشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ . نورمال بوۋاق ھەر كۈنى ھەر كىلوگرام ئېغىرلىقى ئۈچۈن تەخمىنەن تۆت گىرام مايغا ئېھتىياجلىق . ئالتە ياشتىن ئاشقان بالىلار ئۈچ گىرام مايغا ئېھتىياجلىق ، ماي تەمىنلىگەن ئىسسىقلىق مىقدارى ئۇمۇمىي ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ %30–%50 نى ئىگەللەيدۇ . سېمىز گۆش ، كالا سۈتى ، قوي سۈتى ، قايماق ، بېلىق مېيى ۋە ئۆسۈملۈك يېغى تەركىبىدە ماي مىقدارى ئەڭ كۆپ .

‹‹ شىنجاڭ ئاياللىرى›› ژۇرنىلىدىن ئېلىندى

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار:

قانداق قىلىش كېرەك؟(2)
كروران گۈزىلى – ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى
ئادەم بولۇشنى ئۆگىنىش بىلەن ئىلىم ئۆگىنىشنىڭ قايسىسى مۇھىم؟
ياپونىيەدە تېبابەتچىلىكتە ئىشلىتىلىدىغان يېڭى ماتېرىيال تەتقىق قىلىپ چى...
ۋىتامىنلارنىڭ تۈرى ۋە رولى
ئاشخانىدىكى خەتەردىن نېمىلەرنى بىلىسىز؟
چۈشلۈك ئۇيقۇ ئادەمنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ۋە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيت...
قانداق قىلغاندا بالىلاردىكى تۆمۈر كەملىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟
يان تېلېفون ئاشىقلىقى زىيادە پىسخىك سەزگۈرلۈككە كىرىدۇ
لوندوندا ئۆتكەن ياشلىق
بالىلارنى ئوزۇقلاندۇرۇشتىكى بەزى خاتا قاراشلار
ئاياللار ئەڭ بىزار بولىدىغان سۆزلەر
يازدا يېيىشكە بولمايدىغان ئالتە خىل كۆكتات
ئەيدىز تەتقىقاتىدىكى تۆت يېڭى يۆنىلىش
ئانا (نەسىر)
بايقال كۆلىنىڭ تېگىدە بىر مىڭ ئالتە يۈز توننا كېسەك ئالتۇن بايقالدى
غەرپتە ۋە ئۇيغۇرلاردا ئەۋلاد بوشلۇقى
مومامنىڭ شىپالىق دورىلىرى
رۇسىيەدە تۇنجى نېگىر پارلامېنت ئەزاسى سايلاپ چىقىلدى
تاماكا تاشلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدىغان ئۇسۇللار
ئەڭ ئۆلچەملىك سائەتتە 3مىليارد700مىليون يىلدا بىر سېكۇنت خاتالىق پەرقى كۆر...
ئامېرىكىنىڭ ئون چوڭ قەرز ئىگىسى
دۇنيادىكى سىرلىق جايلار
ئاياللارغا زادى قانداق ئەر كېرەك؟
MP3 تىڭشاش ئاڭلاش سېزىمىغا بىر سائەتتىلا زىيان سالالايدۇ
دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن 100 مەشھۇر ۋەقە
كەرەپشە ۋە ئۇنىڭ شىپالىق رولى
مىللىتىمىزنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشتىكى ئەدەپ-ئەخلاق يوسۇنلىرى
قانچىلىك يىسىڭىز شۇنچە ئورۇقلىتىدىغان يىمەكلىكلەر
ياخشى دادا بولۇشنىڭ شەرتلىرى