ماھىنۇر تۇردى
يېقىندا نەۋرە ھەدەمنىڭ بالىسىنىڭ خەتنە توي مەرىكىسىگە بېرىپ، مەن بىلەن بىر دېمەتلىك ئاياللار بىلەن ھەمداستىخان بولۇپ قالدىم. دەسلەپ بىر – بىرىمىزنى تونۇمىغاچقا، پاراڭمۇ بولۇنمىدى. بارا – بارا بالا توغرىلىق پاراڭ بولۇۋېدى، پاراڭ قىزىپ كەتتى، بەزىلەر بالىلىرىدىن ماختانسا، بەزىلەر بالىلىرىدىن زارلىناتتى. ئارىدا بىرەيلەننىڭ بالىسىنىڭ يىغىسى دىققىتىمنى تارتتى. بالا ئاپىسىغا كىملەرنىڭدۇر ئۈستىدىن دادلاۋاتاتتى. ئاپىسى:
— بولدى يىغلىماڭ، نېمە دېسىڭىز ئېلىپ بېرەي. مېنى بۇ يەردە خىجالەت قىلماڭ، – دېۋىدى، بالا يىغىدىن توختاپ:
— ئەمىسە، نېمە دېسەم شۇنى ئېلىپ بېرىسەن ھە! – دېدى. ئانا:
— ئاپئاق بالام، يىغلىمىسىڭىزلا نېمە دېسىڭىز ئېلىپ بېرىمەن، – دېدى ئانا يالۋۇرغاندەك.
ئۇنىڭ شۇ سورۇندىكى ئوڭايسىزلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈنلا بالىسىنىڭ تەلىپىنى قاندۇرماقچى بولغانلىقىنى كۆرۈپ ئويلىنىپ قالدىم. ھازىرقى بالىلىرىمىز تولىمۇ بەختلىك، ئۇلار نېمىنى خالىسا شۇنى ئېلىپ بېرىشكە قادىرمىز. شەخسەن مەنمۇ بالىلىرىمنىڭ ھەممە نەرسىسىنىڭ تەل بولۇشىنى ئويلايمەن. بىراق، بەك ئەركە ئۆگىتىلگەن بالىلار ئاتا – ئانىسى بىلەن گەپ تالىشىدىغان، ئۇلارنى يىغلاش، قېيىداش ئۇسۇللىرى بىلەن ‹‹مەجبۇرلاپ››، دېگىنىنى قىلدۇرىدىغان يامان ئادەتنى يېتىلدۈرۈۋالىدۇ. يۇقىرىقى ھالەت بۇنىڭ تىپىك مىسالى.
بالىلار ئەگرى تاياققا ئوخشايدۇ، تۈزلەيمەن دەپ بەكرەك كۈچىسەك سۇنۇپ كېتىدۇ، مەيلىگە قويۇپ بەرسەك، ئەگرى ئۆسۈپ قالىدۇ. دۇنيادا ھەممە ئىشنى ھەل قىلالايدىغان، خىزمەتتە ۋە باشقا ئىشلاردا ئۇتۇق قازىنالىغان ئاتا – ئانىلارمۇ پەرزەنت تەربىيەسىدە قىيىن سىناققا دۇچ كېلىدۇ. پەرزەنتلەرنى ياراملىق تەربىيەلەش ئاتا – ئانىلارنىڭ مۇقەددەس بۇرچى. ئاتا – ئانىلار بۇنى ئوبدان بىلىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق بەزى ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنى ھەددىدىن زىيادە ئەركە ئۆگىتىپ قويۇپ، ئاخىرىدا ئورنىغا كەلتۈرەلمەي، ئۆمۈرلۈك ئازابقا قالماقتا. دۇنيادا پەرزەنتىگە كۆيۈنمەيدىغان، پەرزەنتىنى سۆيمەيدىغان ئاتا – ئانا بولمىسا كېرەك. لېكىن، چېكىدىن ئاشقان كۆيۈنۈش – مېھرىبانلىق پەرزەنتنى يولدىن چىقىرىدۇ. پەرزەنتىڭىزگە كۆيۈنۈڭ، ئەمما، كۆيۈنۈش دىلىڭىزدا، چېكىدە بولسۇن!


