زورىگۈل ۋاھىت
ھەرقانداق نورمال ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدا ھەسەتخورلۇقنىڭ ئالامەتلىرى بولىدۇ، بەزىلەر بۇنداق ناچار ئىللەتنى ئاسانلىقچە ئاشكارىلىمايدۇ، بەزىلەر بىلىپ – بىلمەي ئاشكارىلاپ قويىدۇ. بالىلارمۇ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئېڭىدىمۇ بۇنداق ناچار پىسخىكا ئىپادىلىرى كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ، ئوقۇتقۇچىلار، بولۇپمۇ ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ ۋۇجۇدىدىن ھەسەتخورلۇق ئالامەتلىرىنى سەزگەندە، توغرا ئۇسۇل ئارقىلىق ئۇلارغا ياردەم بېرىشى، ئۈنۈملۈك تەربىيە ئارقىلىق ئۇلارنى تەبىئىي يوسۇندا يېتەكلىشى كېرەك. ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا توغرا باھا بېرىشىگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئاق – قارىنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلاردا كەمتەرلىك، كەڭ قورساقلىق پىسخىكىسىنى يېتىلدۈرۈشى لازىم.
ھەسەتخورلۇق شەخسىيەتچىلىكنىڭ يوشۇرۇن ياكى ئاشكارا ئىپادىسى بولۇپ، بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە بىۋاسىتە زىيان يەتكۈزىدۇ، ھەسەتخورلۇق ئىللىتىنى يۇقتۇرۇۋالغان بالىلاردا ئەقىل بىلەن ئىش قىلىش، ئۆزىنى كونترول قىلىش، مەسىلىلەرگە كەڭ قورساقلىق بىلەن توغرا مۇئامىلە قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەن بولىدۇ. بالىلاردىكى ھەسەتخورلۇق ئاسان ئاشكارىلىنىدۇ. كۆپىنچە ھاللاردا بالىلار ھەسەتخورلۇقنى يوشۇرۇپ ئولتۇرمايدۇ. ئۆزىنى كونترول قىلالمايدۇ. بالىلاردىكى ھەسەتخورلۇق بەزىدە ھۇجۇم قىلىش خاراكتېرىدە ۋە بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىدە ئىپادىلىنىدۇ. شۇڭا ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ كەڭ قورساقلىق پىسخىكىسىنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، ھەسەتخورلۇق ئىللىتىنى بىخ ھالىتىدە تۈگىتىشى كېرەك. ھەسەتخورلۇق پىسخىكىسىنىڭ شەكىللىنىشى ھەرخىل ئامىللارغا باغلىق بولسىمۇ، ئەمما، ماھىيەت نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، مۇھىتنىڭ تەسىرىدىن پەيدا بولىدۇ. شۇڭا ئاتا – ئانىلار كىچىكلەرنى ئىززەتلەپ، چوڭلارنى ھۆرمەت قىلىدىغان، ئىناق – ئىتتىپاق ئۆتىدىغان ياخشى ئائىلە مۇھىتىنى ھازىرلىشى كېرەك. بۇنداق ئائىلە مۇھىتى بالىلاردىكى ھەسەتخورلۇق ئىللىتىنى تۈگىتىشىگە ياردەم بېرىدۇ.
ئاتا – ئانىلار ئۆز پەرزەنتىنىڭ مەلۇم جەھەتلەردە باشقا بالىلارغا يېتەلمەيدىغانلىقىنى بايقىغاندا، ئالدىراپ ئەيىبلىمەي، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ شۇنداق ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك. بەزى بالىلار ئىمتىھاندا تۆۋەن نومۇر ئېلىپ قالسا، يۇقىرى نومۇر ئالغانلارغا ھەسەت قىلىدۇ ۋە سىنىپتا ئاشكارا ئىپادىلىمىگەن تەقدىردىمۇ ئائىلىدە ئاشكارىلايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ مۇستەقىل تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشى، ئاڭقىرالمىغان جايلىرىنى ئېرىنمەي چۈشەندۈرۈشى كېرەك.
ئاتا – ئانىلار بالىلارنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ۋە ئىقتىدارى ئارقىلىق باشقىلاردىن ئېشىپ كېتىشىگە يېتەكلىشى كېرەك. مەيلى سىنىپتا بولسۇن ياكى كوللېكتىپ پائالىيەت ۋە مۇسابىقىلەردە بولسۇن بالىلارنىڭ رىقابەت ئېڭى توغرا بولغاندا، دەرس ياكى پائالىيەت – مۇسابىقىلەردە ئۇتۇق قازانسۇن ياكى قازىنالمىسۇن، ئىشى ئوڭۇشلۇق بولسا خۇشاللىقىدا ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇشتىن، كەينىدە قالغاندا ھەممىدىن ئۈمىدىنى ئۈزۈشتىن ساقلىنالايدۇ.


