ئازابلانغىنىڭىزدا، ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچنى يوقاتماڭ.
بەختلىك چاغلىرىڭىزدىمۇ تۇرمۇشنىڭ ئەگرى – توقاي بولىدىغانلىقىنى ئۇنتۇماڭ.
ھەر بىر كىشىنىڭ ھايات مۇساپىسى ئۈزۈلمەس كۈرەشكە تولغان بولىدۇ، كىشىلىك ھاياتنىڭ مەقستىمۇ شۇ كۈرەشتە غەلىبىنى، شەرەپنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت .
ئادەم ھاياتى كۈرەش بىلەن باشلىنىپ، كۈرەش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
كىچىك چاغلىرىمىزدا ئاتا – ئانىمىزنىڭ قوغدىشى، مۇئەللىمنىڭ ھىمايىسىدە پەقەت قىشتىكى سوغۇقتىن، ئاغرىق – سىلاقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلساق، ياشلىق مەزگىلىدە ئۆزىمىز بىلەن كۈرەش قىلىمىز، بۇ كىشىلىك ھاياتتىكى چوڭ كۈرەشكە قەدەم قويۇشنىڭ، قىرانلىققا ئاساس سېلىشنىڭ مۇھىم باسقۇچى.
قىرانلىق مەزگىل كۈرەش ئىنتايىن كەسكىن ۋە رەھىمسىز بولىدىغان، كەسكىن رىقابەتتە تىرىشىپ نەتىجە قازىنىدىغان، ئۆزىڭىزنى كۆرسىتىدىغان مەزگىل.
جەمئىيەتكە ئەمدىلا قەدەم قويغىنىڭىزدا، ئەتراپىڭىزدىكى شەيئىلەر سىزگە يېڭىلىق تۇيۇلۇپ، ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدۇ. سىزمۇ ئۆزىڭىزنى خۇددى رەڭگارەڭ دۇنياغا كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلىسىز. لېكىن، ئەنە شۇ گۈزەل دۇنيادا سىناقلار سىزنى ھەر قەدەمدە كۈتۈپ تۇرغان بولىدۇ.
بىر مىنۇت، بىر سېكۇنت ياشايدىكەنمىز، تىنماي كۈرەش قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، شۇڭا، كىشىلىك ھاياتنى كۈرەشكە تولغان ھايات دەيمىز.
نۇرىمانگۈل يۈسۈپ تەييارلىغان


