ياسىنجان توخنىياز توغراق
پىژغىرىم تومۇز كۈنلىرىدە، بىر توپ ئېچىرقىغان تىمساھ ئافىرىقا قۇرۇقلۇقىدىكى سۈيى قۇرۇپ قالاي دېگەن كۆلگە يېغىلىپتۇ – دە، قاۋۇلراقلىرى ئاجىزلىرىنى يېيىشكە باشلاپتۇ. بۇ چاغدا تېنى ئاجىز، ئەمما، باتۇر تىمساھ بۇ جايدىن ئايرىلىپ، ئۆزىمۇ بىلمەيدىغان دالاغا قاراپ ئۆمىلەشكە باشلاپتۇ. كۆلدە قالغان ئاجىز تىمساھلار كۈچلۈك تىمساھلار تەرىپىدىن يېيىلىپ كېتىش تەقدىرىگە تەن بېرىپ، كۆزلىرىنى پارقىرىتىپ يېتىپتۇ. ئاخىرى كۆل پۈتۈنلەي قۇرۇپ كېتىپتۇ، باشقىلارنى يەپ جېنىنى ساقلاپ قالغان ئاخىرقى قاۋۇل تىمساھمۇ ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلۈپتۇ. لېكىن، ھېلىقى باتۇر تىمساھ جاپالىق كۈنلەر ۋە يول ئازابىنى قەيسەرلىك بىلەن يېڭىپ، سۈيى ئەلۋەك بىر بوستانلىققا يېتىپ بېرىپ، يېڭى تۇرمۇشىنى باشلاپتۇ…
بۇ چۆچەكتىكى باتۇر تىمساھنىڭ تىرىشچانلىق بىلەن يېڭىچە تۇرمۇشقا ئېرىشىشى تەپەككۇر جەھەتتىن زور ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە ئىنسانلارنى ئويغا سالىدۇ. ھالبۇكى، ئارىمىزدىكى نۇرغۇنلار تۇرمۇشتا ئازراق قىيىنچىلىققا يولۇققاندا بەل قويۇۋېتىپ، بېشىغا كەلگىنىنى كۈتۈشكە رازى بولىشىدۇ يۇ، ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرۈشنى بىلمەيدۇ. تۇرمۇشتىكى شۈكۈر – قانائەت كىشىلەرنىڭ يېڭىچە تۇرمۇش يارىتىش تىرىشچانلىقىنى بوغىدۇ.
تىرىشچانلىق ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرۈشنىڭ ئاساسى. ھەركىم كىشىلىك ئالاقىدە ھەم سەمىمىيەتكە، ھەم ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. سەمىمىيەت ئېسىل خىسلەت، ئۇ ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرۈش تىرىشچانلىقىغا قوشۇلسا، ھەرقانداق قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. بىرەر ئادەم ئەزەلدىن باشتىن كەچۈرۈپ باقمىغان ئىشقا تۇنجى يولۇققاندا جىددىيلىشىش كەيپىياتى پەيدا بولىدۇ. مۇشۇنداق ۋاقىتتا، ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسى بىلەن، يولۇققان مەسىلىگە نىسبەتەن ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرسىلا قورقۇنچ پىسخىكىسى تەبىئىيلا يوقايدۇ. ھاياتىمىزدا بېشىمىزدىن كەچۈرۈپ باقمىغان نۇرغۇن ئىشقا يولۇقۇشىمىز مۇمكىن، بۇ ئىشلار، قارىماققا، خەتەرلىك كۆرۈنسىمۇ، زور تىرىشچانلىق بىلەن ئۇنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىپ، ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرسەك، شۇنىڭدەك ئۆزىمىزدە يېتەرلىك ئىشەنچ ھازىرلاپ، دادىل ئىزدەنسەكلا، يېڭىچە ئۇسۇل، يېڭىچە نەتىجە، يېڭىچە تۇرمۇش يارىتالايمىز.


