1 . كۆك شوخلا كۆك شوخلىنىڭ تەركىبىدە ئورگانىزم ئىشقارى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، كىسلاتا شوخلىدىكى ئىككىلەمچى ئىشقارنى پارچىلىۋېتىدۇ، ئۇنى يېگەندىن كېيىن ئېغىز قۇرغاقلىشىپ ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ. ئېغىر بولغاندا زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2 . پىشمىغان پۇرچاق پىشمىغان پۇرچاق تەركىبىدىكى ئۆسۈملۈك قان شارچىسى ئاگگليۇتىنى قاننىڭ ئۇيۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنى يېگەندىن كېيىن، قورساقنى بىئارام قىلىدۇ ھەتتا ئادەمنى زەھەرلەيدۇ.
3 . يېڭى چېچەكسەي يېڭى چېچەكسەي تەركىبىدە سۆرۈنجان ئىشقارى دەيدىغان بىر خىل زەھەرلىك ماددا بولۇپ، ئادەم ئۇنى يېگەندىن كېيىن گېلى قۇرغاقلىشىش، ئاشقازىنى قىزىش، بېلى ئاغرىش، كۆڭلى ئېلىشىش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق كېسەل ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
4 . بىخلىنىپ قالغان بەرەنگى بەرەنگى ياز كۈنلىرى تېزلا بىخلىنىپ، زور مىقداردا ئىت ئۈزۈمى توكسىنى پەيدا قىلىدۇ. ئادەم ئۇنى يېگەندە ئاسانلا زەھەرلىنىدۇ ھەتتا ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ.
5 . بۇزۇلۇپ قالغان ھۆل زەنجىۋىل بۇزۇلۇپ قالغان ھۆل زەنجىۋىل بىر خىل سېرىق كامفۇل دەيدىغان راك پەيدا قىلغۇچى ماددىنى پەيدا قىلىدۇ، بۇنداق ماددىنىڭ زەھىرى كۈچلۈك بولۇپ، ئاسانلا جىگەر راكى، يۇتقۇنچاق راكى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا بۇزۇلۇپ قالغان ھۆل زەنچىۋىلنى ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك.
6 . تۇزلانغان كۆكتاتلار يازدا تۇزلانغان كۆكتاتلار يېيىشلىك بولۇپ، ئىسسىقنى باسىدۇ، ئەمما تۇزلانغان كۆكتاتلار تۇزلىنىش جەريانىدا ئازوت كىسلاتاسىنى پەيدا قىلىدۇ، ئوبدان تۇزلانمىغان يېسسىۋېلەك تەركىبىدە بۇنداق ماددىنىڭ مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، ئۇنى ئىستېمال قىلغاندا ئادەمنى زەھەرلەپ، ئېغىز كالپۇكلىرى، بەدەن تېرىسى كۆكىرىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىر بولغاندا ھاياتقا خەۋپ يەتكۈزىدۇ.
پولات ئامانيار تەرجىمىسى


