يېمەكلىك تەركىبىدىكى مىس مىقدارىنىڭ زىيادە يۇقىرى بولۇشى مېڭىنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىۋېتىدىكەن

ئامېرىكا چېكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى مېدىتسىنا مەركىزىدىكى تەتقىقاتچى خادىملارنىڭ يېقىندا كۆرسىتىشىچە، مىس، سىنك ۋە تۆمۈردىن ئىبارەت ئۈچ خىل ماددا چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىدە مۇھىم بولسىمۇ، ئەمما ياشانغانلارنىڭ يېمەك – ئىچمىكى تەركىبىدىكى مىس مىقدارى زىيادە يۇقىرى بولسا، ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ قېرىش سۈرئىتى تېخىمۇ تېزلىشىپ كېتىدىكەن، ھەتتا ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.

تەتقىقاتچى خادىملار يېشى 65 ياشتىن يۇقىرى 3700 ياشانغانلارنى ئالتە يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە 600 كىشىنىڭ ھەر كۈنى قوبۇل قىلغان مىس مىقدارى ئاز دېگەندىمۇ 1.6 مىللىگرام، قوبۇل قىلغان تويۇنغان ياغ مىقدارىمۇ يۇقىرىراق بولغان. تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، بۇلارنىڭ ئىچىدە، نۇرغۇنلىرىنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ قېرىشى ئادەتتىكىگە قارىغاندا 19 ياش چوڭ بولغان.

تەتقىقاتچى خادىملارنىڭ ئېيتىشىچە، ساغلام كىشىلەرنىڭ ھەر كۈنى قوبۇل قىلىدىغان مىس مىقدارى 0.9 مىللىگىرام بولۇشى كېرەك ئىكەن. قان تەركىبىدىكى مىس مىقدارى زىيادە كۆپ بولۇپ كەتسە، بەدەننىڭ مەلۇم زىيانلىق ئاقسىلنى چىقىرىۋېتىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدىكەن. بۇنداق ئاقسىل ياشانغانلار چوڭ مېڭىسىنىڭ زەئىپلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەن. شۇڭا، ئادەتتە، ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارنىڭ قان تەركىبىدىكى مىس مىقدارى ساغلام كىشىلەرنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدىكەن.

ھايۋانات جىگىرىنىڭ تەركىبىدە مىس مول بولىدۇ، قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر، بەرەنگى، شاكىلات ھەم بەزى مېۋىلەرنىڭ تەركىبىدىمۇ مىس مىقدارى يۇقىرىراق بولىدۇ. يەنە مىستىن ياسالغان تۇرۇبا ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن ئىچىملىك سۇ تەركىبىدىمۇ مىس مىقدارى يۇقىرى بولىدۇ. بۇ يەردە ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، تەتقىقاتنى قوبۇل قىلغان ياشانغانلارنىڭ بەدىنىدىكى مىس تەركىبىنىڭ يۇقىرى بولۇشىدىكى ئاساسىي سەۋەب ئۇلارنىڭ دائىم كۆپ خىل ۋىتامىنلارنى قوبۇل قىلغانلىقىدىن بولغان ئىكەن.

گۈلگىنە مەسغۇت تەرجىمىسى

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار:

بوۋاقلارنىڭ ئۆيىگە گۈل قويماسلىق كېرەك
پەسىللەرگە ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇللىرى
بىز قانچىلىك بىلىمنى سىغدۇرالايمىز ؟
تاماكا تاشلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدىغان ئۇسۇللار
كۈلۈشنىڭ ئون چوڭ پايدىسى
قانداق قىلغاندا بالىلاردىكى تۆمۈر كەملىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟
نامىبىيەدىكى سىرلىق قىزىل تەنلىكلەر قەبىلىسى
توققۇز خىل ياخشى تۇرمۇش ئادىتى
ياشانغانلار يازدا يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىدىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىشى كې...
كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ
كىتاب، مۇھەررىر ۋە بازار
ئامېرىكىنىڭ ئون چوڭ قەرز ئىگىسى
خورما يىغى ۋە ئۇنىڭ شىپالىق رولى
MP3 تىڭشاش ئاڭلاش سېزىمىغا بىر سائەتتىلا زىيان سالالايدۇ
چۈشلۈك ئۇيقۇ ئادەمنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ۋە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيت...
دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن 100 مەشھۇر ۋەقە
نېفىتنى تۇنجى بولۇپ كىم بايقىغان؟
ئاشخانىدىكى خەتەردىن نېمىلەرنى بىلىسىز؟
بوۋاقلارنىڭ چىشىنى قانداق ئاسراش كېرەك؟
ئىبنى خەلدۇن (1332-1406)
ئۇيغۇرلاردىكى تازىلىق ۋە ساغلاملىق ئادەتلىرى
ياپونىيەدە تېبابەتچىلىكتە ئىشلىتىلىدىغان يېڭى ماتېرىيال تەتقىق قىلىپ چى...
قۇياش ھەرىكىتى ۋە رادىياتسىيەنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان تەسىرى
كروران گۈزىلى – ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى
قان بېسىمنىڭ سەھەردە ئۆرلەپ كېتىشىدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك
ياندا ئېلىپ يۈرگىلى بولىدىغان كىچىك يادرولۇق باتارېيە
قورقۇنچاقلىق كېسىلى
يازدا يېيىشكە بولمايدىغان ئالتە خىل كۆكتات
دېھقان ئۆمەر بەكرىنىڭ ‹‹ئۈچ سۇ تېخنىكىسى›› پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشتى
بالا ھەر كۈنى ئېھتىياجلىق بولىدىغان ماي