چۈشتە بىر سائەت ئۇخلىسا ئادەمنىڭ زېھنى كۈچى ۋە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ . ئالىملارنىڭ تەتقىقاتىدا بايقىلىشچە ، چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن ئازراق ئۇخلىۋالسا ، ئادەمنىڭ جىسمانىي كۈچى ۋە تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولۇپلا قالماستىن ، يەنە چوڭ مېڭىنىڭ خىزمەت ۋە ئۆگىنىشكە كېرەكلىك قىسقا ئۇچۇرلارنى ساقلىشىغا ۋە ئىزدىشىگە ياردىمى بولىدىكەن .
ئامېرىكا كالفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى بېركېلىي شۆبە مەكتىپىنىڭ پىسخولوگى ۋۇكىل باشچىلىقىدىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسى 39 نەپەر ساغلام پىدائىي ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان . ئۇلارنىڭ بايقىشىچە ، چۈشتە ئۇخلىمىغان گۇرۇپپىدىكلەر بىلەن ئۇخلىغان گۇرۇپپىدىكىلەرنى ئۆزئارا سېلىشتۇرغاندا ، ئالدىنقىلارنىڭ ئۆگىنىش ئىقتىدارى خېلىلا ناچار بولغان ، چۈشتە ئۇخلىغانلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى ياخشى بولۇپلا قالماستىن ، يەنە ئۆگىنىش ئىقتىدارىمۇ يۇقىرى بولغان . ۋۇكىل دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە ، ئىلگىرى تەتقىقاتلاردا ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلغان خاتىرىلەر چوڭ مېڭىنىڭ ‹‹ سەقەنقۇر›› رايونىدا ۋاقىتلىق ساقلىنىپ ، ئاندىن چوڭ مېڭىنىڭ ماڭلاي ياپراقچە قەۋىتىگە يۆتكىلىدىغانلىقى ، ئۇ يەردە تېخىمۇ كۆپ ‹‹ ساقلاش بوشلۇقى›› بارلىقى بايقالغان . تەتقىقاتتا يەنە قاتتىق ئۇيقۇنىڭ ئۆگىنىش ئۈنۈمى ۋە ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغانلىقى بايقالغان .
‹‹ شىنجاڭ پەن–تېخنىكا گېزىتى›› دىن ئېلىندى


