ئاشخانىدىكى خەتەردىن نېمىلەرنى بىلىسىز؟

تۈز تەگلىك قازان (خەتەر دەرىجىسى: 5 – دەرىجە) بۇنىڭدا تۇۋاقسىز تۈز تەگلىك قازان ئەڭ خەتەرلىك. شۇڭا ياخشىسى تۇۋاقلىق چوڭقۇرراق قازان ئىشلەتكەن ياخشى. بۇنداق قازانغا تاسادىپىي ئوت كەتسە، بىخەتەر ئوت ئۆچۈرۈش تەدبىرلىرىنى چوقۇم ئەستە تۇتۇش لازىم، يەنى ئاۋۋال گاز ئوچىقىنى ئېتىش ياكى توكنى ئۈزۈۋېتىش؛ ئاندىن ھۆللەنگەن لۆڭگە بىلەن قازاننىڭ ئاغزىنى تاكى ئوت ئۆچكىچە يېپىپ قويۇش لازىم. ئوت كەتكەن قازاننى ئاشخانىدىن ئېلىپ چىقىشقا ياكى سۇ قۇيۇشقا قەتئىي بولمايدۇ.
توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەر (خەتەر دەرىجىسى: 4 – دەرىجە) توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەرنى ئېرىگەن ھامان، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يېۋىتىش كېرەك، ئۇنى قايتىدىن توڭلاتقۇغا سېلىپ توڭلاتماسلىق لازىم. يېمەكلىك قايتا توڭلىتىلغاندىن كېيىن، ئاسانلا سالمۇنېللا باكتېرىيەسى ۋە لىسىت باكتېرىيەسىنىڭ ‹‹ يېتىلىش بازىسى ›› غا ئايلىنىپ قالىدۇ.

مىكرو دولقۇنلۇق دوخۇپكا (خەتەر دەرىجىسى: 3 – دەرىجە) مىكرو دولقۇنلۇق دوخۇپكىدا ئېشىپ قالغان يېمەكلىكلەرنى ئىسسىتقاندا، تېمپېراتۇرا قايناش نۇقتىسىدىن ئاشقاندىن كېيىنمۇ، يېمەكلىكتە كۆپۈكچە پەيدا بولمايدۇ. شۇڭا، يېمەكلىكنى مىكرو دولقۇنلۇق دوخۇپكىدىن ئالغاندا، ئېھتىيات قىلىنمىسا، قول ھوردا ئاسانلا كۆيۈپ قالىدۇ.

توڭلاتقۇ (خەتەر دەرىجىسى: 2 – دەرىجە) توڭلاتقۇدىكى پىششىق ۋە خام يېمەكلىكلەر ئارىسىدا ئۆز – ئارا باكتېرىيە يۇقۇش ئېھتىماللىقى ئەڭ چوڭ بولىدۇ. شۇڭا، خام گۆشلەرنى ياخشى ئوراپ، توڭلىتىش قاچىسىنىڭ ئاستىغا قويۇپ، گۆشتىن سىرغىپ چىققان قاننىڭ باشقا يېمەكلىكلەرنى بۇلغاپ قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.

يېمەكلىك ئورالمىلىرى (خەتەر دەرىجىسى: 2 – دەرىجە) ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 2009 – يىلىدىكى بىر دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مۇھىتتىكى ئانىلىق ھورمون بالىلارغا، بولۇپمۇ ئوغۇل بالىلارنىڭ ساغلاملىقىغا زور خەۋپ ئېلىپ كېلىدىكەن. كۆپلىگەن يالتىراق خالتا، ئورالمىلارنىڭ تەركىبىدە ئورتوفتالىك كىسلاتا تۇزى قاتارلىق ››ئانىلىق ھورمون خىمىيەلىك ماددا‹‹لىرى، يالتىراق يېمەكلىك ئورالمىلىرى ۋە كونسېرۋا قۇتىلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سىرنىڭ تەركىبىدىكى قوش فىنول A راك كېسىلىنى، شۇنداقلا ئىسپېرما سانىنىڭ ئازىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قىز – ئوغۇل تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزغۇچى ئەڭ ئاساسلىق ئامىل ئىكەن.

ھاكىمجان ئابدۇكېرىم تەرجىمىسى

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار:

نامىبىيەدىكى سىرلىق قىزىل تەنلىكلەر قەبىلىسى
دېھقان ئۆمەر بەكرىنىڭ ‹‹ئۈچ سۇ تېخنىكىسى›› پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشتى
بايقال كۆلىنىڭ تېگىدە بىر مىڭ ئالتە يۈز توننا كېسەك ئالتۇن بايقالدى
پەسىللەرگە ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇللىرى
رۇسىيەدە تۇنجى نېگىر پارلامېنت ئەزاسى سايلاپ چىقىلدى
ئىككى خىل ياغ كىسلاتاسىنىڭ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى تەڭپۇڭسىزلاشسا، سېمىزل...
ياشانغانلار يازدا يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىدىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىشى كې...
يازدا يېيىشكە بولمايدىغان ئالتە خىل كۆكتات
بوۋاقلارنىڭ چىشىنى قانداق ئاسراش كېرەك؟
MP3 تىڭشاش ئاڭلاش سېزىمىغا بىر سائەتتىلا زىيان سالالايدۇ
چۈشلۈك ئۇيقۇ ئادەمنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ۋە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيت...
ئاياللار ئەڭ بىزار بولىدىغان سۆزلەر
ۋىتامىنلارنىڭ تۈرى ۋە رولى
كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر قىسىم كېسەللىكلەرنىڭ رىتسىپلىرى
چۈشلۈك ئۇيقۇ ۋە سالامەتلىك
قېرىماسلىقنىڭ 14 ئامىلى
تەڭرى قامچىسى- ئاتتىلا
خورما يىغى ۋە ئۇنىڭ شىپالىق رولى
ئەيدىز تەتقىقاتىدىكى تۆت يېڭى يۆنىلىش
تۇرمۇشنىڭ كۆڭۈللۈك بولۇش–بولماسلىقى ئىرسىيەت گېنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئ...
قۇياش ھەرىكىتى ۋە رادىياتسىيەنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان تەسىرى
ياندا ئېلىپ يۈرگىلى بولىدىغان كىچىك يادرولۇق باتارېيە
كۈلۈشنىڭ ئون چوڭ پايدىسى
ئىزاك ئاسىموۋ
ئالىملار پۇراقنىڭ ئەسكە ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى تاپتى
پىسخىك نورمالسىزلىقنىڭ زىيىنى
قانچىلىك يىسىڭىز شۇنچە ئورۇقلىتىدىغان يىمەكلىكلەر
ئىبنى خەلدۇن (1332-1406)
ياپونىيەدە تېبابەتچىلىكتە ئىشلىتىلىدىغان يېڭى ماتېرىيال تەتقىق قىلىپ چى...
ئۆزبېكلەر