يان تېلېفون ئاشىقلىقى تېبابەتتە تېخى كېسەل دەرىجىسىگە يەتكىنى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ھادىسە كىشىلەرنىڭ ئاز بىر قىسمىدىلا كۆرۈلۈۋاتىدۇ. ئۇنىڭ مۇنداق بەش خىل ئالامىتى بار:
1 . يان تېلېفونىنىڭ سايرىغانلىقىنى ئاڭلىماي قېلىشتىن ئەنسىرەپ، پات – پات يان تېلېفونىغا قاراپ قويۇش؛ 2 . يان تېلېفونى سايرىمىسىمۇ سايراۋاتقااندەك تۇيۇلۇش؛ 3 . يان تېلېفونىنى نەگە قويۇپ قويغانلىقىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭغا يان تېلېفونى سايراۋاتقاندەك تۇيۇلۇش؛ 4 . يان تېلېفونى سايرىغاندا جىددىيلىشىپ، يۈرىكىنىڭ سوقۇشى ئىتتىكلەپ كېتىش؛ 5 . يان تېلېفوننى يېڭىسىغا ئالماشتۇرغاندىمۇ، كونىسىنىڭ ئاۋازى قۇلىقىدىن كەتمەسلىك.
يۇقىرىقى ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ئۇنى كېسەل دېگىلى بولمىسىمۇ، ‹‹ يان تېلېفون تەلۋىلىكى ›› ، ‹‹ يان تېلېفون زىيادە سەزگۈرلۈكى ›› دېسە تېخىمۇ چۈشىنىشلىك بولۇشى مۇمكىن. يان تېلېفون زىيادە سەزگۈرلۈكى پىسخىك توسالغۇ ياكى زىيادە پىسخىك سەزگۈرلۈك بولۇپ، ئۇ يان تېلېفوننىڭ سايرىشى، تىترىشى ۋە ئۇنىڭغا كېلىدىغان قىسقا ئۇچۇر قاتارلىقلارغا بولغان زىيادە ئىنكاسنى كۆرسىتىدۇ. يان تېلېفون ئاشىقلىقىنىڭ كۆرۈلۈش سەۋەبى ۋە ئىپادىلىرىدىن قارىغاندىمۇ ‹‹ يان تېلېفون تەلۋىلىكى ›› ، ‹‹ يان تېلېفون زىيادە سەزگۈرلۈكى ›› گە كىرىدىغانلىقى ئېنىق.
تەلۋىلىك بىر خىل نېرۋا خاراكتېرلىك روھىي ھالەت ياكى بىر خىل پىسخىك توسالغۇ بولۇپ، ئۇ ئاساسەن تەلۋە قاراش ۋە تەلۋە ھەرىكەت بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ، ئۇ ئاڭلىق ھالدا ئۆزىنى ئۆزى زورلاش بىلەن تەلۋىلىككە ئاڭلىق قارشىلىق كۆرسىتىش تەڭ مەۋجۇت بولۇش بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. بۇنداق ئاشىقلىققا گىرىپتار بولۇپ قالغۇچى تەلۋىلىكنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوقلۇقىنى، ھەتتا توغرا ئەمەسلىكىنى بىلىپ تۇرىدۇ – يۇ، ئۇنىڭ تەكرارلىنىشىنى توسىيالمايدۇ، توسۇشقا كۈچىگەنسېرى جىددىيلىشىدۇ ۋە ئازابلىنىدۇ.
يان تېلېفون ئاشىقلىقىغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ مۇنداق ئۇسۇللىرى بار: 1 . مەنسىتمەسلىك. كىشىلەردە نۇرغۇن نەرسىلەرگە، ھەتتا يېمەكلىكلەرگە زىيادە سەزگۈرلۈك كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ، روھىي جەھەتتە كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان دوستىدىن، خىزمىتىدىن، يېقىن تۇغقىنىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا ئوخشاش ناچار غىدىقلىمىلارغا زىيادە سەزگۈرلۈكمۇ كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ، شۇنىڭغا ئوخشاش يان تېلېفونغىمۇ زىيادە سەزگۈرلۈك كۆرۈلىدۇ، يان تېلېفونغا تايىنىۋېلىشتىن كېلىپ چىقىدىغان زىيادە سەزگۈرلۈك (يان تېلېفون ئاشىقلىقى) زىيادە سەزگۈرلۈك تۈرلىرىنىڭ ئەڭ يېنىكىگە كىرىدۇ. 2 . زىيادە سەزگۈرلۈك مەنبەسىدىن نېرى تۇرۇش. پىسخىك جەھەتتە يان تېلېفونغا زىيادە سەزگۈرلۈك كۆرۈلگۈچىمۇ يان تېلېفوندىن نېرى تۇرسا، ھەتتا ئۇنى ‹‹ يوقاتسا ›› بولىدۇ. 3 . خىزمەت ئۇچۇر قوبۇل قىلىش ۋە تارقىتىشنى تەلەپ قىلسا، باشقا ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلانسا بولىدۇ. ھازىر يان تېلېفون ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئالاقە ۋاسىتىلىرى ناھايىتى كۆپ، يەنى ئېلېكتىرونلۇق يوللانما، تۇراقلىق تېلېفون، خەت، ئېغىزاكى ئۇچۇر قاتارلىقلاردىن يان تېلېفون ئورنىدا پايدىلانغىلى بولىدۇ. 4 . تۇرمۇش ۋە خىزمەت شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، تۇرمۇشتا سالماق بولۇشنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندا كېسەلنىڭ يىلتىزىنى، يەنى ئېغىر خىزمەت بېسىمىنى تۈگەتكىلى بولىدۇ. ئىش – ھەرىكەتنى ئازايتىش، ئازراق نىشان بەلگىلەش ئارقىلىق غىزالىنىش، ئۇخلاش، سىرتلارنى ئايلىنىش، دوستلار بىلەن ئۇچرىشىش، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە بولۇش، چاي ئىچىش ۋە ئويلىنىش قاتارلىقلارغا كۆپرەك ۋاقىت ئاجرىتىش ئارقىلىقمۇ بېسىمنى ئازايتىپ، يان تېلېفون ئاشىقلىقىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.
ئابلىمىت ياقۇپ تەرجىمىسى


