دېڭىز – ئوكيانلار سۈيىنىڭ كىسلاتالىشىپ كېتىشى تېز بولماقتا
ئامېرىكا دۆلەتلىك تەتقىقات كومىتېتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دېڭىز – ئوكيانلار سۈيى تېز سۈرئەت بىلەن كىسلاتالىشىپ كېتىۋېتىپتۇ. تەبىئىي دېڭىز سۈيى ئىشقارلىق بولغاچقا، ئۆزى سۈمۈرگەن كاربونⅣ ئوكسىد بىلەن رىئاكسىيەلىشىپ كاربونات كىسلاتاسىنى ھاسىل قىلغاچقا، دېڭىز – ئوكيانلار سۈيىنىڭ كىسلاتالىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىكەن. سانائەت ئىنقىلابىدىن بۇيان، دۇنيادىكى دېڭىز سۈيىنىڭ ئوتتۇرىچە pH قىممىتى 8.2 دىن 8.1 گە چۈشۈپ قالغان. دېڭىز – ئوكيانلار سۈيىنىڭ كىسلاتالىشىپ كېتىشى دېڭىز – ئوكيان جانلىقلىرىنىڭ ياشاش مۇھىتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، جانلىقلارنىڭ ئۇستىخان، قاسراقلىرىنىڭ نورمال يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن.
ئاياللار ئەرلەردىن بەكرەك يول تونۇيدىكەن
مېكسىكىدا بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئاياللار ئۆزى ماڭغان يولدىكى يەر بەلگىلىرىنى ئەستە تۇتۇش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا ماھىر بولۇپ، يول تونۇش ئىقتىدارى ئەرلەرنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدىكەن.
پولاتتىنمۇ قاتتىق يالتىراق پارچىسى تەتقىق قىلىپ چىقىلدى
ياپونىيە خىروسىما ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىلمىي تەتقىقات گۇرۇپپىسى يېقىندا قاتتىقلىقى پولاتنىڭ نەچچە ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدىغان بىر خىل يالتىراق پارچىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان، ئۇنىڭ قېلىنلىقى نەچچە مىللىمېتىرلا بولۇپ، سۈزۈك، شۇنداقلا ئېلاستىكلىقى يۇقىرى ئىكەن، ئۇنى ئاپتوموبىللارنىڭ كوزۇپى، ئەينەكلىرىنى ياساشقا ئىشلىتىشكە بولىدىكەن، ئۇنىڭ باھاسى ئادەتتىكى يالتىراقتىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدىكەن. ئۇنىڭدا ئارىلاشما ماددىلار بولمىغاچقا، قايتا پايدىلىنىشقا بولىدىكەن.
تور خۇمارى زەھەر خۇمارى، ھاراق خۇمارىغا ئوخشاپ كېتىدىكەن
ئامېرىكا مارىلاند ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى 200 ستۇدېنتنى تەكشۈرۈپ، ئۇلاردىن ئۇدا 24 سائەت يان تېلېفون، ئىنتېرنېت قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى ئىشلەتمەسلىكنى تەلەپ قىلغان. نەتىجىدە، بۇنداق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق جەمئىيەت بىلەن ئالاقە قىلالمىغان كۆپلىگەن تەتقىقات ئوبيېكىتلىرىدا، بىر كۈندىن كېيىن ئىچى تىتىلداش، چۈشكۈنلىشىش، يالغۇزلۇق ھېس قىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن، بەزىلىرىنىڭ ھەتتا نورمال پائالىيەت قىلالمىغانلىقى بايقالغان. بۇنداق كېسەل ئالامەتلىرى زەھەر خۇمارى، ھاراق خۇمارىغا ئوخشاپ كېتىدىكەن.
ئالىمجان راخمان تەرجىمىسى


